■2:1 مات. 9:1؛ لۇقا 5:17.
■2:3 مات. 9:1؛ لۇقا 5:18.
□2:4 «ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۆگزىنى تېشىپ، تۆشۈك ئاچقاندىن كېيىن...» ــ ئاۋۋال ئۆگزىنىڭ كاھىشلىرىنى ئېلىشى كېرەك ئىدى.
■2:7 زەب. 32:5؛ 51:2-4؛ يەش. 43:25.
■2:13 مات. 9:9؛ لۇقا 5:27.
□2:14 «باج ئالىدىغان ئورۇندا ئولتۇرغان ئالفاينىڭ ئوغلى لاۋىي...» ــ «لاۋىي»نىڭ باشقا ئىسمى «ماتتا» ئىدى.
□2:15 «داستىخاندا ئولتۇرغاندا» ــ گرېك تىلىدا «داستىخاندا ياتقاندا» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. شۇ چاغلاردا كىشىلەر داستىخان سېلىنغان شىرە ئەتراپىدا يانپاشلاپ ياتقان ھالدا غىزالىنىشاتتى. «نۇرغۇن باجگىرلار ۋە گۇناھكارلار ئەيسا ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى بىلەن ھەمداستىخان بولدى» ــ «باجگىرلار» ئىسرائىلنىڭ زېمىنىنى ئىشغال قىلغان رىملىقلار ئۈچۈن ئۆز خەلقىدىن باج يىغىپ بېرىدىغان ۋە شۇ سەۋەبتىن نەپرەتكە ئۇچرىغان يەھۇدىيلار. «گۇناھكارلار» ــ تەۋرات-ئىنجىل بويىچە ھەربىر ئادەم گۇناھكار، ئەلۋەتتە. لېكىن مۇشۇ ئايەتتىكى «گۇناھكارلار» دېگەن سۆز، ھالى چوڭ پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن ئالاھىدە «گۇناھكارلار» دەپ ئاتالغان باجگىرلار، پاھىشە ئاياللار، ھەتتا ساۋاتسىز كىشىلەر قاتارلىقلارنى كۆزدە تۇتىدۇ.
□2:16 «تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر...» ــ «پەرىسىيلەر» قاتتىق تەلەپلىك بىر دىنىي مەزھەپتىكىلەر ئىدى. ئۇلار توغرۇلۇق «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.
□2:17 «ھەققانىيلارنى ئەمەس، بەلكى گۇناھكارلارنى چاقىرغىلى كەلدىم» ــ مۇشۇ مۇھىم سۆزىدە «گۇناھكارلار» دېگىنى، ئۆزلىرىنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ، ئەلۋەتتە. چۈنكى ھەممە ئادەم گۇناھكاردۇر. «ھەققانىيلار» پەرىسىيلەردەك ئۆزىنى ھەققانىي دەپ ھېسابلىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا مەسىھ شۇنداق كىشىلەرنى چاقىرالمايتتى.
■2:17 مات. 9:13؛ 21:31؛ لۇقا 5:32؛ 19:10؛ 1تىم. 1:15.
■2:18 مات. 9:14؛ لۇقا 5:33.
□2:19 «توي مېھمانلىرى» ــ گرېك تىلىدا «مەرىكە زالىنىڭ پەرزەنتلىرى» دېگەن ئىبارە بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
■2:19 يەش. 62:5؛ 2كور. 11:2.
□2:20 «يىگىت مېھمانلاردىن ئېلىپ كېتىلىدۇ» ــ بۇ سۆزلەر ئەيسانىڭ ئۆلۈمى ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرگە قايغۇ-ھەسرەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بېشارەت.
□2:21 «ھېچكىم كونا كۆڭلەككە يېڭى رەختتىن ياماق سالمايدۇ» ــ يېڭى رەخت كىرىشىپ كېتىدۇ، ئەلۋەتتە.
■2:22 مات. 9:17.
□2:23 «بىر شابات كۈنى شۇنداق بولدىكى، ...» ــ «شابات كۈنى» (دەم ئېلىش كۈنى) توغرۇلۇق «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ. بۇ شەنبە كۈنى، تەۋرات كالېندارى بويىچە ھەپتىنىڭ يەتتىنچى كۈنى بولۇپ، مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە ئىسرائىلدىكى ھەربىر ئىنسان ۋە مال-چارۋىلارمۇ شۇ كۈنى ھەرقانداق ئىش-خىزمەت قىلماي، دەم ئېلىشى كېرەك ئىدى.
■2:23 قان. 23:24؛ مات. 12:1؛ لۇقا 6:1.
□2:24 «تەۋراتتا چەكلەنگەن ئىش» ــ تەۋرات قانۇنىدا چەكلەنگەن، دېمەكچى. تەۋرات قانۇنى بويىچە دەم ئېلىش كۈنى «خامان تېپىش» «خىزمەت» دەپ قارىلىپ، قانۇنغا خىلاپلىق ئىش دەپ ھېسابلىنىشى كېرەك ئىدى، ئەلۋەتتە. پەرىسىيلەر مۇخلىسلارنىڭ دانلارنى يېيىش ئۈچۈن ئاقلىشىنى «خامان تەپكەنلىك» دەپ قارىغان. ئەمدى باشاقلارنى ئۈزۈپ يېيىش زىرائەتلەرگە ئورغاق سېلىش بىلەن ئوخشاشمۇ ياكى ئوخشاش ئەمەسمۇ، بۇنىڭغا ئوقۇرمەنلەر مەسىھنىڭ جاۋابىنى ئوقۇپ ئۆزى بىرنېمە دېسۇن! «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە مۇشۇ ئىش توغرۇلۇق ئىزاھاتلىرىمىزنى كۆرۈڭ.
■2:24 مىس. 20:10.
□2:25 «داۋۇتنىڭ... ئاچ قالغاندا نېمە قىلغانلىقىنى مۇقەددەس يازمىلاردىن ئوقۇمىغانمۇسىلەر؟» ــ «ئوقۇمىغانمۇسىلەر؟» دېگەن سۆز پەرىسىيلەرنىڭ دائىم رەقىبلىرىدىن سورايدىغان سوئال شەكلى ئىدى.
■2:25 1سام. 21:6.
□2:26 «ئابىياتار باش كاھىن بولغان ۋاقتىدا» ــ «1سام.» 1:21-7 بويىچە، ئابىياتار رەسمىي باش كاھىن بولمىغان. لېكىن ئىنجىل دەۋرىدىكى ئەھۋالغا ئوخشاش، ئىككى ئادەم باشقا-باشقا يەردە بولسا ئىككىسى شۇ رولدا بولۇشى مۇمكىن (مەسىھ يەر يۈزىدە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە كايافاس ئىسىملىك ھەم ئانناس ئىسىملىك ئىككى ئادەم ئوخشاش بىر ۋاقىتتا «باش كاھىن» ئىدى). «داۋۇت خۇدانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، خۇداغا ئاتالغان، تەۋراتتا پەقەت كاھىنلارنىڭ يېيىشىگىلا بولىدىغان نانلارنى سوراپ يېگەن، شۇنداقلا ھەمراھلىرىغىمۇ بەرگەن؟» ــ بۇ ۋەقە «1سام.» 1:21-7دە خاتىرىلەنگەن.
■2:26 لاۋ. 24:9.
□2:28 «ئىنسانئوغلى» ــ مەسىھنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىبارە توغرۇلۇق «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.
■2:28 مات. 12:8؛ لۇقا 6:5.