■3:1 مات. 12:9؛ لۇقا 6:6.
□3:2 «پەرىسىيلەر ئەيسانىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلايلى دەپ شابات كۈنىدە كېسەل ساقايتىدىغان-ساقايتمايدىغانلىقىنى پايلاپ يۈرەتتى» ــ ئۇلارنىڭ قىلماقچى بولغان ئەرزى بولسا «ئۇ شابات كۈنىدە كېسەلنى ساقايتسا، «ئىشلىگەن» ياكى «خىزمەت قىلغان»غا باراۋەر بولىدۇ، شۇڭا (ئۇلارنىڭ چۈشىنىشىچە) «تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان»» بولىدۇ.
□3:5 «قولى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى» ــ كەلتۈرۈلدى» دېگەن پېئىلنىڭ «مەجھۇل شەكلى» بىزگە بۇ ئىشنى خۇدا ئۆزى قىلغان، دېگەننى ئۇقتۇرىدۇ. ئەمدى ئۇلار بۇ مۆجىزىنى «شابات كۈنىدە ياراتقانلىقى» ئۈچۈن زادى كىمنى ئەيىبلىمەكچى؟
■3:5 1پاد. 13:6.
□3:6 «ھېرود پادىشاھنىڭ تەرەپدارلىرى» ــ ھېرود پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى توغرۇلۇق «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ. لېكىن بىزگە ئەڭ ھەيران قالارلىقى بەلكىم شۇكى، رەببىمىز تەلىم بېرىشكە باشلىغاندا، بىر-بىرىگە كۈشەندە بولغان ««ھېرود تەرەپدارلىرى» ۋە پەرىسىيلەر ھەمكارلىشىپ، ئەيسانى يوقىتىشقا مەسلىھەتلىشىدۇ («مات.» 16:22نىمۇ كۆرۈڭ). مانا قاراڭغۇلۇققا تەۋە بولغان كىشىلەر ھامان بىرىنچى بولۇپ نۇر بىلەن دۈشمەنلىشىدۇ («يۇھ.» 5:1، 19:3).
■3:6 مات. 12:14؛ يـۇھ. 10:39؛ 11:53.
□3:7-8 «ئىدۇمىيا ئۆلكىسى» ــ «ئىدۇمىيا» تەۋراتتا «ئېدوم» دېيىلىدۇ.
■3:7-8 مات. 4:25؛ لۇقا 6:17.
■3:13 مات. 10:1؛ مار. 6:7؛ لۇقا 6:13؛ 9:1.
□3:15 «ئۇ ئۇلاردىن ئون ئىككىسىنى ئۆزى بىلەن بىللە بولۇشقا... جىنلارنى ھەيدەش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشقا تاللاپ بېكىتتى» ــ (14-15-ئايەت) بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە 14-15-ئايەتتە «ئۇ ئۇلاردىن ئون ئىككىسىنى «روسۇللار» دەپ ئاتاپ، ئۆزى بىلەن بىللە بولۇشقا، سۆز-كالامنى جاكارلاشقا ۋە جىنلارنى ھەيدەش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشقا تاللاپ بېكىتتى» دېيىلىدۇ.
□3:17 «زەبەدىينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى...» ــ ياكى «زەبەدىينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ ئاكىسى...». «ئۇ ئۇلارنى «بىننى-رەگاز»، يەنى «گۈلدۈرماما ئوغۇللىرى» دەپمۇ ئاتىغان» ــ مۇشۇ يەردە بىز بۇ ئىسىمنى ئىبرانىي تىلىدىكى ئاھاڭى بويىچە ئالدۇق. «رەگاز» ئىبرانىي تىلىدا ئادەتتە «غەزەپ، قەھر»نى بىلدۈرىدۇ. قارىغاندا ئۇلار ئىككىلىسى ئەسلىدە ئىنتايىن تېرىككەك ئىدى! گرېك تىلىدا تەلەپپۇز «بوئانەرگەس» دەپ ئوقۇلىدۇ.
□3:18 «مىللەتپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمون» ــ ياكى «قانائانلىق سىمون». يەھۇدىي «مىللەتپەرۋەرلىرى» ياكى «مىللەتچىلىرى» ۋەتىنىنى رىم ئىمپېرىيەسىدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن زوراۋانلىق يولى بىلەن كۈرەش قىلغۇچىلار ئىدى.
■3:20 مار. 6:31.
□3:22 «ئۇنىڭدا بەئەلزىبۇب بار» ــ «بەئەلزىبۇب» ياكى «بەئەلزىبۇل» بولسا جىنلارنىڭ ئەمىرى بولغان شەيتاننىڭ باشقا بىر ئىسمىدۇر.
■3:22 مات. 9:34؛ 12:24؛ لۇقا 11:15؛ يـۇھ. 8:48.
■3:23 مات. 12:25.
□3:27 «ھېچكىم كۈچتۈڭگۈر بىرسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى بۇلاپ كېتەلمەيدۇ ــ پەقەت ئۇ شۇ كۈچتۈڭگۈرنى ئاۋۋال باغلىيالىسا ئاندىن ئۆيىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلالايدۇ» ــ بۇ تەمسىلدىكى «كۈچتۈڭگۈر ئادەم» شەيتاننى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. ئۇنىڭ ئۆيىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغۇچى ئەيسادىن باشقا ھېچكىم بولمايدۇ.
■3:27 مات. 12:29؛ كول. 2:15.
□3:28 «ئۇلار قىلغان كۇپۇرلۇقلىرىنىڭ ھەممىسى...» ــ گرېك تىلىدا «ئۇلار كۇپۇرلۇق بىلەن قىلغان كۇپۇرلۇقلىرىنىڭ ھەممىسى» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ئىبارە ئۇلارنىڭ كۇپۇرلۇقلىرى بەلكىم ئىنتايىن ئېغىر بولۇشى مۇمكىن دېگەننى بىلدۈرىدۇ.
■3:28 1سام. 2:25؛ مات. 12:31؛ لۇقا 12:10؛ 1يۇھ. 5:16.
□3:29 «مۇقەددەس روھقا قارشى كۇپۇرلۇق قىلىش» ــ ياكى «مۇقەددەس روھقا قارشى گەپ قىلىش» دېگەن گۇناھ توغرۇلۇق «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.
■3:29 1يۇھ. 5:16.
■3:31 مات. 12:46؛ لۇقا 8:19.
□3:32 «مانا، ئانىڭىز، ئىنىلىرىڭىز سىزنى ئىزدەپ سىرتتا تۇرىدۇ» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «ۋە سىڭىللىرىڭىز» دەپ قوشۇپ ئوقۇلىدۇ. ھېچبولمىغاندا گرېك تىلىدا «ئاكا-ئىنىلەر» دېگەن سۆز بىر قېرىنداش «ئاچا-سىڭىللار»نى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.
■3:35 يـۇھ. 15:14؛ 2كور. 5:16،17.