9
ئەيسانىڭ جۇلالىقتا كۆرۈنۈشى
مات. 17‏:1-13؛ لۇقا 9‏:28-36
ئۇ ئۇلارغا يەنە:
ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىشتىن بۇرۇن جەزمەن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ كۈچ-قۇدرەت بىلەن كەلگەنلىكىنى كۆرىدىغانلار باردۇر. «بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىشتىن بۇرۇن جەزمەن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ كۈچ-قۇدرەت بىلەن كەلگەنلىكىنى كۆرىدىغانلار باردۇر» ــ بىزنىڭچە 1:9-ئايەتتىكى سۆزنىڭ مۇھىم مەنىسى 2:9-13دە تەسۋىرلەنگەن كارامەت ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ.

باشقا ئالىملار ئۇ: (1) ئەيسا ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن مۇخلىسلىرىغا قايتا كۆرۈنۈشى بىلەن؛ (2) مۇقەددەس روھنىڭ كېلىشى بىلەن؛ (3) مەسىھنىڭ شەرىپى جامائەتتە ئايان قىلىنىشى بىلەن؛ (4) ئەيسانىڭ دۇنياغا قايتىپ كېلىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، دەپ قارايدۇ.
يۇقىرىقى (1)-، (2)-، (3)-پىكىر سەل ئورۇنلۇق بولغىنى بىلەن، لېكىن ئەيسانىڭ «بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ ئارىسىدىن... كۆرىدىغانلار بار» دېگىنىدىن قارىغاندا، بەزى روسۇللار بۇ ئىشنى كۆرىدۇ، شۇڭا مۇھىم ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى 2:9-13دىكى «ئەيسانىڭ جۇلالىقتا كۆرۈنۈشى» دېگەن ئىشتۇر، دەپ قارايمىز.
   مات. 16‏:28؛ لۇقا 9‏:27.
 
ئەيسانىڭ جۇلالىقتا كۆرۈنۈشى
ۋە ئالتە كۈندىن كېيىن، ئەيسا پېترۇس، ياقۇپ ۋە يۇھاننانى ئايرىپ ئېلىپ، ئېگىز بىر تاغقا چىقتى. ئۇ يەردە ئۇنىڭ سىياقى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆزگىرىپ، مات. 17‏:1؛ لۇقا 9‏:28. كىيىملىرى يەر يۈزىدىكى ھېچبىر ئاقارتقۇچىمۇ ئاقارتالمىغۇدەك دەرىجىدە پارقىراپ قاردەك ئاپئاق بولدى. ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا مۇسا ۋە ئىلياس پەيغەمبەرلەر تۇيۇقسىز كۆرۈندى؛ ئۇلار ئەيسا بىلەن سۆزلىشىۋاتقانىدى. پېترۇس بۇ ئىشقا جاۋابەن ئەيساغا:
ــ ئۇستاز، بۇ يەردە بولغىنىمىز ئىنتايىن ياخشى بولدى! بىرىنى ساڭا، بىرىنى مۇساغا، يەنە بىرىنى ئىلياسقا ئاتاپ بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياسايلى! ــ دېدى «ئۇستاز» ــ گرېك تىلىدا (ھەم ئىبرانىي تىلىدا) «راببى» دېيىلىدۇ. «بىرىنى ساڭا، بىرىنى مۇساغا، يەنە بىرىنى ئىلياسقا ئاتاپ بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياسايلى!» ــ بۇ سۆز ۋە پۈتۈن ۋەقە توغرۇلۇق يەنە «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. (چۈنكى پېترۇس نېمە دېيىشىنى بىلمەي قالغانىدى، چۈنكى ئۇلار قورقۇنچقا چۆمۈپ كەتكەنىدى).
تۇيۇقسىز بىر پارچە بۇلۇت ئۇلارنى قاپلىۋالدى ۋە بۇلۇتتىن: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇمدۇر؛ ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. قان. 18‏:19؛ يەش. 42‏:1؛ مات. 3‏:17؛ 17‏:5؛ مار. 1‏:11؛ لۇقا 3‏:22؛ 9‏:35؛ كول. 1‏:13؛ 2پېت. 1‏:17. ئۇلار لاپپىدە ئەتراپىغا قارىشىۋىدى، لېكىن يەنە ھېچكىمنى كۆرمىدى، ئۆز يېنىدا پەقەت ئەيسانىلا كۆردى.
ئۇلار تاغدىن چۈشۈۋاتقاندا، ئەيسا ئۇلارغا، ئىنسانئوغلى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلمىگۈچە، كۆرگەنلىرىنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىقنى ئەمر قىلىپ تاپىلىدى. مات. 17‏:9؛ لۇقا 9‏:36. 10 ئۇلار ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، «ئۆلۈمدىن تىرىلىش» دېگەننىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۆزئارا مۇلاھىزىلەشتى.
11 ئۇلار ئۇنىڭدىن يەنە:
ــ تەۋرات ئۇستازلىرى نېمە ئۈچۈن: «ئىلياس پەيغەمبەر مەسىھ كېلىشتىن ئاۋۋال قايتىپ كېلىشى كېرەك» دېيىشىدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. مال. 4‏:5؛ مات. 11‏:14؛ لۇقا 1‏:17.
12 ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن:
ــ ئىلياس پەيغەمبەر دەرۋەقە مەسىھتىن ئاۋۋال كېلىدۇ، ئاندىن ھەممە ئىشنى ئورنىغا كەلتۈرىدۇ؛ ئەمدى نېمىشقا مۇقەددەس يازمىلاردا ئىنسانئوغلى كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىدۇ ۋە خورلىنىدۇ، دەپ پۈتۈلگەن؟ «ئىلياس پەيغەمبەر دەرۋەقە مەسىھتىن ئاۋۋال كېلىدۇ، ئاندىن ھەممە ئىشنى ئورنىغا كەلتۈرىدۇ» ــ «ئىلياسنىڭ ئاۋۋال كېلىشى» ۋە ئۇنىڭ «ھەممىنى ئورنىغا كەلتۈرۈشى»نى كۆرسەتكەن بېشارەت ۋە باشقا تەپسىلاتلىرى تەۋرات، «مال.» 5:4-6دە خاتىرىلىنىدۇ. «ئەمدى نېمىشقا مۇقەددەس يازمىلاردا ئىنسانئوغلى كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىدۇ ۋە خورلىنىدۇ، دەپ پۈتۈلگەن؟ » ــ «نېمىشقا...؟» ــ ئەگەر ئۇلۇغ ئىلياس پەيغەمبەر كېلىپ مەسىھ ئۈچۈن يول تەييارلىغان بولسا، زادى «نېمىشقا» خەلق مەسىھنى قوبۇل قىلمايدۇ؟ يەھيا پەيغەمبەر دەرۋەقە «ئىلياس پەيغەمبەر»نىڭ روھى ۋە كۈچىدە كەلگىنى بىلەن («لۇقا» 17:1) ئۇ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە مەسىھمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش ئۆلتۈرۈلىدۇ (13-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ).   مال. 4‏:5؛ زەب. 22‏:6؛ يەش. 53‏:4؛ دان. 9‏:26؛ ۋەھ. 11‏:4-7. 13 لېكىن مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ئىلياس پەيغەمبەر دەرھەقىقەت كەلدى ۋە دەل مۇقەددەس يازمىلاردا ئۇ ھەققىدە پۈتۈلگەندەك، كىشىلەر ئۇنىڭغا نېمىنى خالىسا شۇنداق قىلدى. «لېكىن مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ئىلياس پەيغەمبەر دەرھەقىقەت كەلدى ۋە دەل مۇقەددەس يازمىلاردا ئۇ ھەققىدە پۈتۈلگەندەك، كىشىلەر ئۇنىڭغا نېمىنى خالىسا شۇنداق قىلدى» ــ مۇشۇ يەردە مەسىھ يەھيا پەيغەمبەرنى يەنە ئىلىياس پەيغەمبەرگە ئوخشىتىدۇ.   مال. 4‏:5،6
 
جىن چاپلاشقان بالىنىڭ ئازاد قىلىنىشى
مات. 17‏:14-20؛ لۇقا 9‏:37-43
14 ئۇلار مۇخلىسلارنىڭ يېنىغا قايتىپ بارغىنىدا، زور بىر توپ ئادەملەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالغانلىقىنى، بىرنەچچە تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ ئۇلار بىلەن مۇنازىرە قىلىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى. 15 ئۇنى كۆرگەن پۈتۈن خالايىق ئىنتايىن ھەيران بولۇشتى ۋە يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن سالاملاشتى. 16 ئۇ ئۇلاردىن:
ــ ئۇلار بىلەن نېمە توغرۇلۇق مۇنازىرە قىلىشىۋاتىسىلەر، ــ دەپ سورىدى. «ئۇ ئۇلاردىن: ــ ... دەپ سورىدى» ــ «ئۇلار» مۇشۇ يەردە (1) مۇخلىسلىرىنى؛ (2) خالايىقنىڭ ئۆزلىرىنى (3) تەۋرات ئۇستازلىرىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. بىزنىڭچە (2) ياكى (3) توغرا بولۇشى كېرەك؛ خالايىقتىن بىرى مۇشۇ سوئالغا جاۋاب بېرىدۇ. بەزى كونا كۆچۈرمىلىرىدە «ئۇلار»نىڭ ئورنىدا «تەۋرات ئۇستازلىرى» دېيىلىدۇ. 17 خالايىقتىن بىرەيلەن ئۇنىڭغا:
ــ ئۇستاز، مەن ئوغلۇمنى سېنىڭ ئالدىڭغا ئېلىپ كەلدىم، چۈنكى ئۇنىڭغا گاچا قىلغۇچى بىر روھ چاپلىشىۋالغان. «مەن ئوغلۇمنى سېنىڭ ئالدىڭغا ئېلىپ كەلدىم» ــ بۇ كىشىنىڭ «سېنىڭ ئالدىڭغا» دېگىنى ئۇنىڭ مەسىھ ۋە مۇخلىسلىرىنى «بىر ئادەمدەك» دەپ قارايتتى، دەپ بىلدۈرىدۇ. بىر تەرەپتىن مۇشۇ كۆزقاراش توغرىدۇر.   مات. 17‏:14؛ لۇقا 9‏:37،38. 18 ھەر قېتىم روھ ئۇنى چىرمىۋالسا، ئۇنى تارتىشتۇرۇپ يىقىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ ئاغزى كۆپۈكلىشىپ، چىشلىرى كىرىشىپ كېتىدۇ؛ قاقشال بولۇپ قالىدۇ. مۇخلىسلىرىڭدىن جىننى ھەيدىۋەتكەيسىلەر دەپ تىلىدىم، بىراق ئۇلار قىلالمىدى، ــ دېدى. «ئۇنى تارتىشتۇرۇپ يىقىتىدۇ» ــ ياكى «ئۇنى يەرگە يىقىتىۋېتىدۇ». «قاقشال بولۇپ قالىدۇ» ــ ياكى «پۈتۈن ئەزايى قېتىپ قالىدۇ».
19  ئۇ جاۋابەن: ــ ئەي ئېتىقادسىز دەۋر، سىلەر بىلەن قاچانغىچە تۇراي؟! مەن سىلەرگە يەنە قاچانغىچە سەۋر قىلاي؟ ــ بالىنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار ــ دېدى.
20 ئۇلار بالىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئەيسانى كۆرۈش بىلەنلا روھ بالىنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى تارتىشتۇرۇۋەتتى. بالا يىقىلىپ، ئاغزىدىن كۆپۈك چىققان پېتى يەردە يۇمىلاپ كەتتى. مار. 1‏:26.
21 ئۇ بالىنىڭ ئاتىسىدىن:
ــ بۇ ئىش بېشىغا كەلگىنىگە قانچە ئۇزۇن بولدى؟ ــ دەپ سورىدى.
ئۇ: ــ كىچىكىدىن تارتىپ شۇنداق، 22 جىن ئۇنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئوتقا ۋە سۇغا تاشلىدى. ئەمدى بىر ئامال قىلالىساڭ، بىزگە ئىچ ئاغرىتىپ شاپائەت قىلغايسەن! ــ دېدى.
23 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ «قىلالىساڭ!» دەيسەنغۇ! ئىشەنچتە بولغان ئادەمگە ھەممە ئىش مۇمكىندۇر! ــ دېدى. لۇقا 17‏:6.
24 بالىنىڭ ئاتىسى دەرھال: ــ مەن ئىشىنىمەن؛ ئىشەنچسىزلىكىمگە مەدەت قىلغايسەن! ــ دېدى يىغلاپ نىدا قىلىپ. 25 ئەمدى ئەيسا كۆپچىلىكنىڭ يۈگۈرۈشۈپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ھېلىقى ناپاك روھقا تەنبىھ بېرىپ:
ــ ئەي ئادەمنى گاس ۋە گاچا قىلغۇچى روھ! بۇيرۇق قىلىمەنكى، ئۇنىڭدىن چىق، ئىككىنچى كىرگۈچى بولما! ــ دېدى.
26 شۇ ھامان جىن بىر چىرقىرىدى-دە، بالىنى دەھشەتلىك تارتىشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتتى. بالا ئۆلۈكتەك يېتىپ قالدى، خالايىقنىڭ كۆپىنچىسى «ئۇ ئۆلدى!» دېيىشتى. 27 لېكىن ئەيسا بالىنى قولىدىن تۇتۇپ يۆلىدى، بالا ئورنىدىن تۇردى.
28 ئەيسا ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ بىلەن يالغۇز قالغاندا ئۇنىڭدىن: ــ بىز نېمە ئۈچۈن جىننى ھەيدىۋېتەلمىدۇق؟ ــ دەپ سوراشتى. مات. 17‏:19.
29 ئۇ ئۇلارغا: ــ بۇ خىل جىن دۇئا ۋە روزىدىن باشقا يول بىلەن چىقىرىلماس، ــ دېدى. «بۇ خىل جىن دۇئا ۋە روزىدىن باشقا يول بىلەن چىقىرىلماس» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «روزىدىن» دېگەن سۆز تېپىلمايدۇ.
 
ئەيسانىڭ ئۆلۈپ تىرىلىدىغانلىقىنى يەنە ئالدىن ئېيتىشى
مات. 17‏:22-23؛ لۇقا 9‏:43-45
30 ئۇلار شۇ يەردىن ئايرىلىپ، گالىلىيەدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. بىراق ئۇ بۇنى ھېچكىمنىڭ بىلىشىنى خالىمايتتى. مات. 16‏:21؛ 17‏:22؛ 20‏:18؛ مار. 8‏:31؛ 10‏:33؛ لۇقا 9‏:22؛ 18‏:31؛ 24‏:7. 31 چۈنكى ئۇ مۇخلىسلىرىغا:
ــ ئىنسانئوغلى ئىنسانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇپ، ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. ئۆلتۈرۈلۈپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇ تىرىلىدۇ، ــ دېگەن تەلىمنى بېرىۋاتاتتى. 32 لېكىن مۇخلىسلار بۇ سۆزنى چۈشەنمىدى ھەمدە ئۇنىڭدىن سوراشقىمۇ پېتىنالمىدى.
 
ھەقىقىي ئۇلۇغ كىم؟
مات. 18‏:1-5؛ لۇقا 9‏:46-48
33 ئۇ كەپەرناھۇم شەھىرىگە كەلدى. ئۆيگە كىرگەندە ئۇ ئۇلاردىن:
ــ يولدا نېمە توغرىسىدا مۇلاھىزىلەشتىڭلار؟ ــ دەپ سورىدى. مات. 18‏:1؛ لۇقا 9‏:46؛ 22‏:24. 34 لېكىن ئۇلار شۈك تۇردى، چۈنكى ئۇلار يولدا قايسىمىز ئەڭ ئۇلۇغ دەپ بىر-بىرى بىلەن مۇلاھىزىلەشكەنىدى.
35 ئۇ ئولتۇرۇپ، ئون ئىككەيلەننى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا:
ــ كىم بىرىنچى بولۇشنى ئىستىگەن بولسا، شۇ ھەممەيلەننىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ۋە ھەممەيلەننىڭ خىزمەتكارى بولسۇن، ــ دېدى. مات. 20‏:27؛ مار. 10‏:43. 36 ئاندىن ئۇ كىچىك بىر بالىنى ئوتتۇرىدا تۇرغۇزدى ۋە ئۇنى قۇچىقىغا ئېلىپ تۇرۇپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: مار. 10‏:16.
37 ــ كىم مېنىڭ نامىمدا مۇشۇنداق كىچىك بالىنى قوبۇل قىلسا، مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. كىم مېنى قوبۇل قىلسا، ئۇ مېنى ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. «كىم مېنىڭ نامىمدا مۇشۇنداق كىچىك بالىنى قوبۇل قىلسا...» ــ ياكى «كىم مېنىڭ نامىمدا مۇشۇنداق كىچىك بالىنى كۈتسە...».   مات. 18‏:5؛ لۇقا 9‏:48؛ يـۇھ. 13‏:20.
 
قارشى تۇرماسلىقنىڭ ئۆزى قوللىغانلىقتۇر
لۇقا 9‏:49-50
38 يۇھاننا ئۇنىڭغا:
ــ ئۇستاز، سېنىڭ نامىڭ بىلەن جىنلارنى ھەيدەۋاتقان بىرسىنى كۆردۇق. لېكىن ئۇ بىز بىلەن بىرگە ساڭا ئەگەشكەنلەردىن بولمىغاچقا، ئۇنى توستۇق، ــ دېدى. لۇقا 9‏:49.
39 لېكىن ئەيسا: ــ ئۇنى توسماڭلار. چۈنكى مېنىڭ نامىم بىلەن بىر مۆجىزە ياراتقان بىرسى ئارقىدىنلا مېنىڭ ئۈستۈمدىن يامان گەپ قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. 1كور. 12‏:3. 40 چۈنكى بىزگە قارشى تۇرمىغانلار بىزنى قوللىغانلاردۇر. 41 چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، مېنىڭ نامىمدا سىلەرگە ھەتتا بىرەر پىيالە سۇ بەرگەن كىشىمۇ ئۆز ئىنئامىغا ئېرىشمەي قالمايدۇ. مات. 10‏:42.
 
گۇناھنىڭ ئېزىتقۇلۇقى
مات. 18‏:6-9؛ لۇقا 17‏:1-2
42 لېكىن ماڭا ئېتىقاد قىلغان بۇنداق كىچىكلەردىن بىرىنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان ھەرقانداق ئادەمنى، ئۇ بوينىغا يوغان تۈگمەن تېشى ئېسىلغان ھالدا دېڭىزغا تاشلىۋېتىلگىنى ئەۋزەل بولاتتى. مات. 18‏:6؛ لۇقا 17‏:2.
43 ئەگەر ئەمدى قولۇڭ سېنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلىۋەت. چۈنكى ئىككى قولۇڭ بار ھالدا دوزاخقا، يەنى ئۆچۈرۈلمەس ئوتقا كىرگىنىڭدىن كۆرە، چولاق ھالدا ھاياتلىققا كىرگىنىڭ ئەۋزەلدۇر. قان. 13‏:7؛ مات. 5‏:30؛ 18‏:8. 44 چۈنكى دوزاختا شۇلارنى يەيدىغان قۇرت-قوڭغۇزلار ئۆلمەيدۇ، يالقۇنلۇق ئوت ئۆچمەيدۇ. «چۈنكى دوزاختا شۇلارنى يەيدىغان قۇرت-قوڭغۇزلار ئۆلمەيدۇ، يالقۇنلۇق ئوت ئۆچمەيدۇ» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە بۇ 44- ۋە 46-ئايەت تېپىلمايدۇ.   يەش. 66‏:24.
45 ئەگەر ئەمدى پۇتۇڭ سېنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلىۋەت. چۈنكى ئىككى پۇتۇڭ بار ھالدا دوزاخقا، يەنى ئۆچۈرۈلمەس ئوتقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، توكۇر ھالدا ھاياتلىققا كىرگىنىڭ ئەۋزەل. 46 چۈنكى دوزاختا شۇلارنى يەيدىغان قۇرت-قوڭغۇزلار ئۆلمەيدۇ، يالقۇنلۇق ئوت ئۆچمەيدۇ. يەش. 66‏:24
47 ئەگەر كۆزۈڭ سېنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى ئويۇپ تاشلىۋەت. ئىككى كۆزۈڭ بار ھالدا ئوتلۇق دوزاخقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، سىڭار كۆزلۈك بولۇپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرگىنىڭ ئەۋزەل. 48 چۈنكى دوزاختا شۇلارنى يەيدىغان قۇرت-قوڭغۇزلار ئۆلمەيدۇ، يالقۇنلۇق ئوت ئۆچمەيدۇ. يەش. 66‏:24
49 ھەممە ئادەم ئوت بىلەن تۇزلىنىدۇ ۋە ھەربىر قۇربانلىق تۇز بىلەن تۇزلىنىدۇ. «ھەممە ئادەم ئوت بىلەن تۇزلىنىدۇ ۋە ھەربىر قۇربانلىق تۇز بىلەن تۇزلىنىدۇ» ــ بۇ سىرلىق جۈملە چوقۇم «لاۋ.» 13:2، «چۆل.» 23:31، «ئەز.» 24:43، «يەش.» 6:34 ۋە 20:66 ھەمدە يۇقىرىقى 42-48 ئايەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. مەنىسى بەلكىم: ــ (1) گۆش-كۆكتاتلارنى تۇز بىلەن ئۇزۇن ساقلىغىلى بولغاندەك، مەسىھگە ئىشەنمىگەنلەر دوزاخنىڭ ئوتىدا «چىرىماي، ساقلىنىپ» مەڭگۈ جازالىنىدۇ؛ ياكى (2) مەسىھگە ئەگەشكەنلەر مۇشۇ دۇنيادا (تۇز يارىغا سېپىلگەندەك) جاپا-مۇشەققەت، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىدۇ؛ ياكى (3) مەنىسى ھەر ئىككى تەرەپتىكىدەك بولىدۇ ــ دېمەك، ھەربىر كىشى ئۆزىنىڭ ئەيسا مەسىھكە بولغان مۇناسىۋىتىدە مۇۋاپىق جاپا-مۇشەققەت، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىدۇ؛ ئېتىقادچىلار مۇشۇ دۇنيادا جاپا-مۇشەققەتلەر ئارقىلىق تاۋلىنىپ پاكلىنىدۇ، ئېتىقادسىزلار دوزاختا مەڭگۈ ئازاب تارتىدۇ. بىزنىڭچە 3-مەنىسى توغرا كېلىشى مۇمكىن. رەببىمىز بۇ يەردە ھەم ئېتىقادچىلارنى ھەم ئېتىقادسىزلارنىمۇ كۆزدە تۇتىدۇ. بىزنىڭچە پەقەت ئېتىقادچىلار خۇداغا ئاتىلىدىغان قۇربانلىق بولالايدۇ، شۇڭا ئايەتنىڭ بىرىنچى قىسىمدا ھەممە ئادەم، ئىككىنچى قىسىمدا ئېتىقادچىلار («قۇربانلىق» سۈپىتىدە) كۆزدە تۇتۇلىدۇ.   لاۋ. 2‏:13.
50 تۇز ياخشى نەرسىدۇر. ھالبۇكى، ئەگەر تۇز ئۆز تۇزلۇقىنى يوقاتسا، ئۇنىڭغا قايتىدىن تۇز تەمىنى قانداقمۇ كىرگۈزگىلى بولىدۇ؟ ئۆزۈڭلاردا تۇز تېپىلسۇن ۋە بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىناقلىقتا ئۆتۈڭلار. «تۇز ياخشى نەرسىدۇر. ھالبۇكى، ئەگەر تۇز ئۆز تۇزلۇقىنى يوقاتسا، ئۇنىڭغا قايتىدىن تۇز تەمىنى قانداقمۇ كىرگۈزگىلى بولىدۇ؟» ــ تۇز بولسا (1) تەم بېرىدۇ؛ (2) چىرىپ كېتىشتىن توسىدۇ؛ (3) زەخىم-يارىلارنى ساقايتىدۇ. مۇخلىسلارنىڭ بۇ دۇنياغا بولغان رولى بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىشى كېرەك. «ئۆزۈڭلاردا تۇز تېپىلسۇن ۋە بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىناقلىقتا ئۆتۈڭلار» ــ بۇ سىرلىق جۈملىنىڭ مەنىسى ئۈچۈن «مات.» 13:5، «ئەف.» 29:4، «كول.» 6:4نى كۆرۈڭ. ئېتىقادچىلار «تۇزلۇق» بولسا ئۆزىنى پاك تۇتىدۇ، لېكىن بۇنىڭدىن ھالى چوڭلىق قىلمايدۇ ــ بەلكى مۇھەببىتى، خاتىرجەملىكى ۋە خۇشاللىقى بىلەن گۇناھتا تۇتۇلغانلارنى خۇدانىڭ يولىغا جەلپ قىلغۇچىلاردۇر.   مات. 5‏:13؛ لۇقا 14‏:34؛ رىم. 12‏:18؛ ئىبر. 12‏:14.
 
 

9:1 «بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىشتىن بۇرۇن جەزمەن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ كۈچ-قۇدرەت بىلەن كەلگەنلىكىنى كۆرىدىغانلار باردۇر» ــ بىزنىڭچە 1:9-ئايەتتىكى سۆزنىڭ مۇھىم مەنىسى 2:9-13دە تەسۋىرلەنگەن كارامەت ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ. باشقا ئالىملار ئۇ: (1) ئەيسا ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن مۇخلىسلىرىغا قايتا كۆرۈنۈشى بىلەن؛ (2) مۇقەددەس روھنىڭ كېلىشى بىلەن؛ (3) مەسىھنىڭ شەرىپى جامائەتتە ئايان قىلىنىشى بىلەن؛ (4) ئەيسانىڭ دۇنياغا قايتىپ كېلىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، دەپ قارايدۇ. يۇقىرىقى (1)-، (2)-، (3)-پىكىر سەل ئورۇنلۇق بولغىنى بىلەن، لېكىن ئەيسانىڭ «بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ ئارىسىدىن... كۆرىدىغانلار بار» دېگىنىدىن قارىغاندا، بەزى روسۇللار بۇ ئىشنى كۆرىدۇ، شۇڭا مۇھىم ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى 2:9-13دىكى «ئەيسانىڭ جۇلالىقتا كۆرۈنۈشى» دېگەن ئىشتۇر، دەپ قارايمىز.

9:1 مات. 16‏:28؛ لۇقا 9‏:27.

9:2 مات. 17‏:1؛ لۇقا 9‏:28.

9:5 «ئۇستاز» ــ گرېك تىلىدا (ھەم ئىبرانىي تىلىدا) «راببى» دېيىلىدۇ. «بىرىنى ساڭا، بىرىنى مۇساغا، يەنە بىرىنى ئىلياسقا ئاتاپ بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياسايلى!» ــ بۇ سۆز ۋە پۈتۈن ۋەقە توغرۇلۇق يەنە «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.

9:7 قان. 18‏:19؛ يەش. 42‏:1؛ مات. 3‏:17؛ 17‏:5؛ مار. 1‏:11؛ لۇقا 3‏:22؛ 9‏:35؛ كول. 1‏:13؛ 2پېت. 1‏:17.

9:9 مات. 17‏:9؛ لۇقا 9‏:36.

9:11 مال. 4‏:5؛ مات. 11‏:14؛ لۇقا 1‏:17.

9:12 «ئىلياس پەيغەمبەر دەرۋەقە مەسىھتىن ئاۋۋال كېلىدۇ، ئاندىن ھەممە ئىشنى ئورنىغا كەلتۈرىدۇ» ــ «ئىلياسنىڭ ئاۋۋال كېلىشى» ۋە ئۇنىڭ «ھەممىنى ئورنىغا كەلتۈرۈشى»نى كۆرسەتكەن بېشارەت ۋە باشقا تەپسىلاتلىرى تەۋرات، «مال.» 5:4-6دە خاتىرىلىنىدۇ. «ئەمدى نېمىشقا مۇقەددەس يازمىلاردا ئىنسانئوغلى كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىدۇ ۋە خورلىنىدۇ، دەپ پۈتۈلگەن؟ » ــ «نېمىشقا...؟» ــ ئەگەر ئۇلۇغ ئىلياس پەيغەمبەر كېلىپ مەسىھ ئۈچۈن يول تەييارلىغان بولسا، زادى «نېمىشقا» خەلق مەسىھنى قوبۇل قىلمايدۇ؟ يەھيا پەيغەمبەر دەرۋەقە «ئىلياس پەيغەمبەر»نىڭ روھى ۋە كۈچىدە كەلگىنى بىلەن («لۇقا» 17:1) ئۇ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە مەسىھمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش ئۆلتۈرۈلىدۇ (13-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ).

9:12 مال. 4‏:5؛ زەب. 22‏:6؛ يەش. 53‏:4؛ دان. 9‏:26؛ ۋەھ. 11‏:4-7.

9:13 «لېكىن مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ئىلياس پەيغەمبەر دەرھەقىقەت كەلدى ۋە دەل مۇقەددەس يازمىلاردا ئۇ ھەققىدە پۈتۈلگەندەك، كىشىلەر ئۇنىڭغا نېمىنى خالىسا شۇنداق قىلدى» ــ مۇشۇ يەردە مەسىھ يەھيا پەيغەمبەرنى يەنە ئىلىياس پەيغەمبەرگە ئوخشىتىدۇ.

9:13 مال. 4‏:5،6

9:16 «ئۇ ئۇلاردىن: ــ ... دەپ سورىدى» ــ «ئۇلار» مۇشۇ يەردە (1) مۇخلىسلىرىنى؛ (2) خالايىقنىڭ ئۆزلىرىنى (3) تەۋرات ئۇستازلىرىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. بىزنىڭچە (2) ياكى (3) توغرا بولۇشى كېرەك؛ خالايىقتىن بىرى مۇشۇ سوئالغا جاۋاب بېرىدۇ. بەزى كونا كۆچۈرمىلىرىدە «ئۇلار»نىڭ ئورنىدا «تەۋرات ئۇستازلىرى» دېيىلىدۇ.

9:17 «مەن ئوغلۇمنى سېنىڭ ئالدىڭغا ئېلىپ كەلدىم» ــ بۇ كىشىنىڭ «سېنىڭ ئالدىڭغا» دېگىنى ئۇنىڭ مەسىھ ۋە مۇخلىسلىرىنى «بىر ئادەمدەك» دەپ قارايتتى، دەپ بىلدۈرىدۇ. بىر تەرەپتىن مۇشۇ كۆزقاراش توغرىدۇر.

9:17 مات. 17‏:14؛ لۇقا 9‏:37،38.

9:18 «ئۇنى تارتىشتۇرۇپ يىقىتىدۇ» ــ ياكى «ئۇنى يەرگە يىقىتىۋېتىدۇ». «قاقشال بولۇپ قالىدۇ» ــ ياكى «پۈتۈن ئەزايى قېتىپ قالىدۇ».

9:20 مار. 1‏:26.

9:23 لۇقا 17‏:6.

9:28 مات. 17‏:19.

9:29 «بۇ خىل جىن دۇئا ۋە روزىدىن باشقا يول بىلەن چىقىرىلماس» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «روزىدىن» دېگەن سۆز تېپىلمايدۇ.

9:30 مات. 16‏:21؛ 17‏:22؛ 20‏:18؛ مار. 8‏:31؛ 10‏:33؛ لۇقا 9‏:22؛ 18‏:31؛ 24‏:7.

9:33 مات. 18‏:1؛ لۇقا 9‏:46؛ 22‏:24.

9:35 مات. 20‏:27؛ مار. 10‏:43.

9:36 مار. 10‏:16.

9:37 «كىم مېنىڭ نامىمدا مۇشۇنداق كىچىك بالىنى قوبۇل قىلسا...» ــ ياكى «كىم مېنىڭ نامىمدا مۇشۇنداق كىچىك بالىنى كۈتسە...».

9:37 مات. 18‏:5؛ لۇقا 9‏:48؛ يـۇھ. 13‏:20.

9:38 لۇقا 9‏:49.

9:39 1كور. 12‏:3.

9:41 مات. 10‏:42.

9:42 مات. 18‏:6؛ لۇقا 17‏:2.

9:43 قان. 13‏:7؛ مات. 5‏:30؛ 18‏:8.

9:44 «چۈنكى دوزاختا شۇلارنى يەيدىغان قۇرت-قوڭغۇزلار ئۆلمەيدۇ، يالقۇنلۇق ئوت ئۆچمەيدۇ» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە بۇ 44- ۋە 46-ئايەت تېپىلمايدۇ.

9:44 يەش. 66‏:24.

9:46 يەش. 66‏:24

9:48 يەش. 66‏:24

9:49 «ھەممە ئادەم ئوت بىلەن تۇزلىنىدۇ ۋە ھەربىر قۇربانلىق تۇز بىلەن تۇزلىنىدۇ» ــ بۇ سىرلىق جۈملە چوقۇم «لاۋ.» 13:2، «چۆل.» 23:31، «ئەز.» 24:43، «يەش.» 6:34 ۋە 20:66 ھەمدە يۇقىرىقى 42-48 ئايەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. مەنىسى بەلكىم: ــ (1) گۆش-كۆكتاتلارنى تۇز بىلەن ئۇزۇن ساقلىغىلى بولغاندەك، مەسىھگە ئىشەنمىگەنلەر دوزاخنىڭ ئوتىدا «چىرىماي، ساقلىنىپ» مەڭگۈ جازالىنىدۇ؛ ياكى (2) مەسىھگە ئەگەشكەنلەر مۇشۇ دۇنيادا (تۇز يارىغا سېپىلگەندەك) جاپا-مۇشەققەت، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىدۇ؛ ياكى (3) مەنىسى ھەر ئىككى تەرەپتىكىدەك بولىدۇ ــ دېمەك، ھەربىر كىشى ئۆزىنىڭ ئەيسا مەسىھكە بولغان مۇناسىۋىتىدە مۇۋاپىق جاپا-مۇشەققەت، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىدۇ؛ ئېتىقادچىلار مۇشۇ دۇنيادا جاپا-مۇشەققەتلەر ئارقىلىق تاۋلىنىپ پاكلىنىدۇ، ئېتىقادسىزلار دوزاختا مەڭگۈ ئازاب تارتىدۇ. بىزنىڭچە 3-مەنىسى توغرا كېلىشى مۇمكىن. رەببىمىز بۇ يەردە ھەم ئېتىقادچىلارنى ھەم ئېتىقادسىزلارنىمۇ كۆزدە تۇتىدۇ. بىزنىڭچە پەقەت ئېتىقادچىلار خۇداغا ئاتىلىدىغان قۇربانلىق بولالايدۇ، شۇڭا ئايەتنىڭ بىرىنچى قىسىمدا ھەممە ئادەم، ئىككىنچى قىسىمدا ئېتىقادچىلار («قۇربانلىق» سۈپىتىدە) كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

9:49 لاۋ. 2‏:13.

9:50 «تۇز ياخشى نەرسىدۇر. ھالبۇكى، ئەگەر تۇز ئۆز تۇزلۇقىنى يوقاتسا، ئۇنىڭغا قايتىدىن تۇز تەمىنى قانداقمۇ كىرگۈزگىلى بولىدۇ؟» ــ تۇز بولسا (1) تەم بېرىدۇ؛ (2) چىرىپ كېتىشتىن توسىدۇ؛ (3) زەخىم-يارىلارنى ساقايتىدۇ. مۇخلىسلارنىڭ بۇ دۇنياغا بولغان رولى بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىشى كېرەك. «ئۆزۈڭلاردا تۇز تېپىلسۇن ۋە بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىناقلىقتا ئۆتۈڭلار» ــ بۇ سىرلىق جۈملىنىڭ مەنىسى ئۈچۈن «مات.» 13:5، «ئەف.» 29:4، «كول.» 6:4نى كۆرۈڭ. ئېتىقادچىلار «تۇزلۇق» بولسا ئۆزىنى پاك تۇتىدۇ، لېكىن بۇنىڭدىن ھالى چوڭلىق قىلمايدۇ ــ بەلكى مۇھەببىتى، خاتىرجەملىكى ۋە خۇشاللىقى بىلەن گۇناھتا تۇتۇلغانلارنى خۇدانىڭ يولىغا جەلپ قىلغۇچىلاردۇر.

9:50 مات. 5‏:13؛ لۇقا 14‏:34؛ رىم. 12‏:18؛ ئىبر. 12‏:14.