قىزىق بىر ئىش شۇكى، ماركۇس ئۆزىنىڭ ئىنجىلدىكى بايانىدا مەسىھنىڭ (ئۆلۈمدىن تىرىلىشتىن باشقا) جەمئىي ئون توققۇز ئالاھىدە مۆجىزىسىنى خاتىرىلەيدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
■8:1 مات. 15:32.
□8:8 «ئۇلار ئېشىپ قالغان پارچىلارنى ... تېرىۋالدى» ــ «ئۇلار» ــ مۇخلىسلار ياكى پۈتكۈل خالايىقنى كۆرسىتىدۇ. «يەتتە سېۋەت...» ــ «سېۋەت» گرېك تىلىدا بۇ سۆز بەك چوڭ بىر خىل سېۋەتنى كۆرسىتىدۇ.
■8:10 مات. 15:39.
□8:11 «پەرىسىيلەر چىقىپ، ئۇنى سىناش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن بىزگە ئاسماندىن بىر مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسەتسەڭ...» ــ پەرىسىيلەر تەلەپ قىلغان «مۆجىزىلىك ئالامەت» ئەيسانىڭ ھەقىقىي مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بىر كارامەتنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.
■8:11 مات. 12:38؛ 16:1؛ لۇقا 11:29؛ يـۇھ. 6:30.
□8:12 «ئۇ ئىچىدە بىر ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ...» ــ گرېك تىلىدا «ئۇ روھىدا بىر ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ..». «روھ» مۇشۇ يەردە ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ (ئىنسانىي) روھىنى بىلدۈرىدۇ.
■8:12 مات. 16:4.
□8:15 «ئېھتىيات قىلىڭلار، پەرىسىيلەرنىڭ ئېچىتقۇسى ۋە ھېرودنىڭ ئېچىتقۇسىدىن ھېزى بولۇڭلار» ــ «مات.» 1:16-12نىمۇ كۆرۈڭ.
■8:15 مات. 16:6؛ لۇقا 12:1.
■8:17 مار. 6:52.
□8:19 «..قانچە كىچىك سېۋەت..» ــ «سېۋەت» گرېك تىلىدا «قول سېۋەت».
■8:19 مات. 14:17،20؛ مار. 6:38؛ لۇقا 9:13؛ يـۇھ. 6:9.
■8:20 مات. 15:36،37.
□8:21 «ئۇنداقتا، قانداقسىگە سىلەر تېخى چۈشەنمەيسىلەر؟» ــ مەسىھنىڭ بۇ سوئالى مۇخلىسلىرى يىغىۋالغان «ئون ئىككى (كىچىك) سېۋەت» ۋە «يەتتە (چوڭ) سېۋەت» بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. قىزىق بىر ئىش شۇكى، ماركۇس ئۆزىنىڭ ئىنجىلدىكى بايانىدا مەسىھنىڭ (ئۆلۈمدىن تىرىلىشتىن باشقا) جەمئىي ئون توققۇز ئالاھىدە مۆجىزىسىنى خاتىرىلەيدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
■8:23 مار. 7:32.
□8:25 «ئۇ كۆزلىرىنى ئېچىۋىدى..» ــ ياكى «ئۇ بېشىنى كۆتۈرىۋىدى...» ياكى «ئۇ كۆزلىرىنى يوغان ئاچتى...».
□8:26 «يېزىغىمۇ كىرمە، ياكى يېزىدىكى ھېچكىمگە بۇ ئىشنى ئۇقتۇرما» ــ مەسىھ نېمىشقا شۇنداق تاپىلىدى؟ شۈبھىسىزكى، بەيت-سائىدادىكىلەر ئاللىقاچان ئۇنىڭ كۆپ مۆجىزىلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇپ تېخىچە توۋا قىلمىغانىدى («مات.» 21:11نى كۆرۈڭ).
■8:27 مات. 16:13؛ لۇقا 9:18.
■8:28 مات. 14:2.
□8:29 «سەن مەسىھدۇرسەن» ــ «مەسىھ» دېگەن سۆز توغرۇلۇق «تەبىرلەر»ىمىزنى كۆرۈڭ.
■8:29 مات. 16:16؛ يـۇھ. 6:69.
□8:31 «ئىنسانئوغلىنىڭ.... ئاقساقاللار، باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشى» ــ شۇ چاغدا ئىككى «باش كاھىن» بار ئىدى ــ «ئانناس» ۋە ئۇنىڭ كۈيئوغلى «قايافا».
■8:31 مات. 16:21؛ 17:22؛ 20:18؛ مار. 9:31؛ 10:33؛ لۇقا 9:22؛ 18:31؛ 24:7.
□8:32 «بۇنىڭ بىلەن پېترۇس ئۇنى بىر چەتكە تارتىپ، ئۇنى ئەيىبلەشكە باشلىدى» ــ پېترۇسنىڭ ئەيىبلىشى شۈبھىسىزكى، ئۆزۈڭ ئۇلۇغ پادىشاھ مەسىھ تۇرۇپ، بېشىڭغا مۇشۇنداق دەھشەتلىك ئىشلارنى چۈشۈرمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى، دېگەندەك. «مات.» 22:16نى كۆرۈڭ.
□8:33 «ئارقامغا ئۆت، شەيتان!» ــ ئەيسا بۇ ئايەتتە «شەيتان» دېگەن بۇ سۆزىنى بىرىنچىدىن «دۈشمەن» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىپ، ئۆزىنىڭ دۈشمىنى بولۇپ قالغان پېترۇسقا ئېيتىدۇ. ئىككىنچىدىن، شەيتان ئۆزى پېترۇس ئارقىلىق ئەيساغا پۇتلىكاشاڭ بولماقچى ئىدى.
■8:33 2سام. 19:22.
□8:34 «كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى نىيەت قىلسا، ئۆزىدىن كېچىپ، ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن!» ــ «مات.» 38:10نى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى ئىزاھاتنىمۇ كۆرۈڭ.
■8:34 مات. 10:38؛ 16:24؛ لۇقا 9:23؛ 14:27.
■8:35 مات. 10:39؛ 16:25؛ لۇقا 9:24؛ 17:33؛ يـۇھ. 12:25.
□8:36 «...جېنىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟!» ــ «جان» مۇشۇ يەردە پەقەت ھاياتنى ئەمەس، بەلكى ئادەمنىڭ سالاھىيىتى، روھىي دۇنياسىنى كۆرسىتىدۇ.
■8:37 زەب. 49:6-9
□8:38 «زىناخور ۋە گۇناھكار بۇ دەۋر» ــ «زىناخور» بەلكىم ھەم جىسمانىي ھەم كۆچمە (خۇداغا ۋاپاسىزلىق قىلغۇچى، دېگەن) مەنىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. «ئىنسانئوغلى» ــ مەسىھ، ئەلۋەتتە. «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.
■8:38 مات. 10:32؛ لۇقا 9:26؛ 12:8؛ 2تىم. 2:12؛ 1يۇھ. 2:23.