■13:1 لاۋ. 16؛ 23:26-32؛ زەك. 12:10-14؛ رىم. 11:26
□13:2 «مەن پەيغەمبەرلەرنى ۋە پاسكىنا روھنىمۇ زېمىندىن چىقىرىپ يۆتكىۋېتىمەن» ــ بۇ پەيغەمبەرلەر ساختا پەيغەمبەرلەر، ئەلۋەتتە. ئەمەلىيەتتە بولسا مەسىھ-قۇتقۇزغۇچى دۇنياغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھېچ ھاجىتى يوق بولىدۇ.
□13:3 «ئۇنىڭ ئۆزىنى تۇغقان ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا: «سەن ھايات قالمايسەن؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا يالغان گەپ قىلىۋاتىسەن» دەيدۇ؛ ئاندىن ئۆزىنى تۇغقان ئاتا-ئانىسى ئۇنى بېشارەت بېرىۋاتقىنىدىلا سانجىپ ئۆلتۈرىدۇ» ــ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە ساختا پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈش كېرەك. مۇشۇ ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسى خۇدادىن شۇنچە ئەيمىنىدۇكى، ئۆز ئوغلىنى نەق مەيداندا ئۆلتۈرىدۇ.
■13:3 قان. 13:6-11؛ 18:20
□13:4 «ئۇلار خەقنى ئالداش ئۈچۈن ئىككىنچى چۇپۇرلۇق چاپاننى كىيمەيدۇ» ــ ئىلياس، ئېلىشا ۋە يەھيا پەيغەمبەرلەر مۇشۇنداق ئىنتايىن ئاددىي كىيىم كىيگەن.
□13:5 «چۈنكى ياشلىقىمدىن تارتىپ تۇپراق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتىمەن» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چۈنكى ياشلىقىمدىن تارتىپ مەن ئادەمنىڭ مەدىكارى بولۇپ كەلدىم».
□13:6 «ئەمدى بىرسى ئۇنىڭدىن: «ھەي، ئەمدى سېنىڭ مەيدەڭدىكى بۇ زەخمەتلەر نېمە؟» ــ دېسە، ئۇ: «دوستلىرىمنىڭ ئۆيىدە يارىلىنىپ قالدىم» ــ دەپ جاۋاب بېرىدۇ» ــ «مەيدەڭدىكى زەخمەتلەر» ئىبرانىي تىلى بويىچە سۆزمۇسۆز ئالساق «ئىككى قولۇڭ ئوتتۇرىسىدىكى زەخمەتلەر» بولىدۇ. «بۇتپەرەس پەيغەمبەرلەر» جىن-شەيتانلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن پات-پات ئۆز تېنىنى كېسىۋالاتتى ۋە ئاخىرقى زاماندىمۇ شۇنداق قىلىشى مۇمكىن («1پاد.»، 28:18-ئايەتتە مىسال كۆرۈلىدۇ). شۇنىڭ بىلەن خەلق مۇشۇنداق زەخمەتلەردىن گۇمانلىنىدۇ، ساختا پەيغەمبەر زەخمەتلىرىدىن خىجىل بولۇپ روشەن بىر يالغان باھانىنى كۆرسىتىدۇ.
□13:7 «مەن قولۇمنى كىچىك پېئىللارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈپ تۇرغۇزىمەن» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مەن قولۇمنى كىچىك پېئىللار ئۈستىگىمۇ قارشى چۈشۈرىمەن». بىراق بىزنىڭ تەرجىمىمىز 8-ئايەتكە ماسلىشىدۇ؛ ئومۇمىي مەنىسى خۇدا ئۆزىگە تەۋە كىچىك پېئىللىقلارنى قوغدايدۇ.
■13:7 قان. 37:42؛ يەش. 26:20؛ مات. 26:31؛ مار. 14:27؛ لۇقا 22:35-38؛ يـۇھ. 18:8
■13:9 زەب. 50:3-5، 15؛ 91:15؛ 144:15؛ مال. 3:1-4؛ يـۇھ. 20:28؛ 1پېت. 1:6.