23
بالاق بىلەن بالائامنىڭ قۇربانلىق سۇنۇشى 
 1 بالائام بالاققا: — 
سىلى مۇشۇ يەرگە ماڭا يەتتە قۇربانگاھ ياسىتىپ بەرسىلە، مۇشۇ يەرگە يەنە يەتتە بۇقا بىلەن يەتتە قوشقارمۇ ھازىرلاپ بەرسىلە، — دېدى.  2 بالاق بالائامنىڭ دېگىنىدەك قىلىپ بەردى؛ بالاق بىلەن بالائام ئىككىسى ھەربىر قۇربانگاھقا قۇربانلىق قىلىشقا بىردىن بۇقا بىلەن بىردىن قوشقار سۇندى.  3 بالائام بالاققا: — 
سىلى ئۆز كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنىڭ يېنىدا تۇرسىلا، مەن ئالدىغا بارىمەن، پەرۋەردىگار مېنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە كېلەمدىكىن؟ ئۇ ماڭا نېمە دەپ كۆرسەتمە بەرسە، مەن ئۆزلىرىگە شۇنى دەپ بېرىمەن، — دېدى ۋە بىر دۆڭگە چىقتى. 
 4 خۇدا بالائام بىلەن كۆرۈشتى؛ بالائام خۇداغا: — 
مەن يەتتە قۇربانگاھ ھازىرلاتتىم، ھەربىر قۇربانگاھقا قۇربانلىق سۈپىتىدە بىردىن بۇقا بىلەن بىردىن قوشقار سۇندۇم، — دېدى.  5 پەرۋەردىگار بالائامنىڭ ئاغزىغا بىر سۆزنى سېلىپ: — بالاقنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ ئۇنىڭغا مۇنداق، مۇنداق دېگىن، — دېدى.  6 شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالاقنىڭ يېنىغا قايتىپ باردى. مانا، ئۇ ۋە موئابنىڭ بارلىق ئەمىرلىرى ئۇنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنىڭ يېنىدا تۇراتتى. 
   
بالائامنىڭ بىرىنچى قېتىم بېشارەت بېرىشى 
 7 بالائام كالام سۆزىنى ئاغزىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: — 
بالاق مېنى ئارام دېگەن يۇرتتىن، 
موئاب شاھى بالاق مېنى مەشرىق تاغلىرىدىن ئېلىپ كېلىپ، 
مۇنداق دېدى: — 
كەل، مېنىڭ ئۈچۈن ياقۇپنى قارغىغىن. 
كەل، ئىسرائىلنى راسا بىر سۆكۈپ ئەيىبلىگىن.
□  8 تەڭرى ئۆزى قارغىمىغان بىراۋنى مەن قانداق قارغاي؟ 
پەرۋەردىگار ئۆزى سۆكۈپ ئەيىبلىمىگەن بىراۋنى مەن قانداق سۆكۈپ ئەيىبلەي؟ 
 9 مەن قورام تاشلارنىڭ چوققىلىرىدا تۇرۇپ ئۇنى كۆرمەكتىمەن، 
دۆڭلەردە تۇرۇپ ئۇنىڭغا نەزەر سالماقتىمەن؛ 
مانا، ئۇلار يەككە ياشايدىغان بىر قوۋم، 
ئۇلار باشقا قوۋملارنىڭ قاتارىدا سانالمايدۇ.
■  10 ياقۇپنىڭ توپىلىرىنى كىم ھېسابلاپ چىقالايدۇ؟ 
ھەتتا ئىسرائىلنىڭ تۆتتىن بىرىنىمۇ كىم ساناپ چىقالايدۇ؟ 
مېنىڭ جېنىم ھەققانىينىڭ ئۆلۈمىدەك ئۆلسۇن، 
مېنىڭ ئاخىرىم ئۇنىڭكىدەك بولغاي!
□  11 بالاق بالائامغا قاراپ: — 
سەن ماڭا نېمە قىلىۋاتىسەن؟! مەن سېنى دۈشمەنلىرىمنى قارغاپ بېرىشكە چاقىرىتقان تۇرسام، مانا سەن ئەكسىچە پۈتۈنلەي ئۇلارغا ئامەت تىلىدىڭ! — دېدى. 
 12 — پەرۋەردىگارنىڭ ئاغزىمغا سالغىنىنى يەتكۈزۈشكە كۆڭۈل قويمىسام بولامتى؟ — دەپ جاۋاپ بەردى بالائام. 
 13 بالاق بالائامغا: — مېنىڭ بىلەن بىللە باشقا بىر يەرگە بارسىلا، ئۇلارنى شۇ يەردىن كۆرەلەيلا؛ بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەمەس، ئۇلارنىڭ چېگرىدىكى بىر قىسمىنىلا كۆرەلەيلا؛ سىلى شۇ يەردە تۇرۇپ ئۇلارنى مەن ئۈچۈن قارغاپ بەرسىلە، — دېدى. 
 14 شۇنىڭ بىلەن بالاق بالائامنى «زوفىمنىڭ دالاسى»غا، پىسگاھ تېغىنىڭ چوققىسىغا باشلاپ بېرىپ، شۇ يەردە يەتتە قۇربانگاھ سالدۇرۇپ، ھەربىر قۇربانگاھقا قۇربانلىق سۈپىتىدە بىردىن بۇقا، بىردىن قوشقار سۇندى.
□  15 بالائام بالاققا: — 
 سىلى مۇشۇ يەردە ئۆزلىرىنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ تۇرسىلا، مەن ئاۋۇ ياققا بېرىپ كۆرۈشۈپ كېلەي، — دېدى.
□  16 پەرۋەردىگار بالائام بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ ئاغزىغا بىر سۆزنى سېلىپ: — 
سەن بالاقنىڭ يېنىغا قايتىپ ئۇنىڭغا مۇنداق، مۇنداق دېگىن، — دېدى.
■  17 بالائام بالاقنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەندە، مانا، ئۇ ۋە موئابنىڭ بارلىق ئەمىرلىرى ئۇنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنىڭ يېنىدا تۇراتتى. 
— پەرۋەردىگار نېمە دېدى؟ — دەپ سورىدى بالاق. 
   
بالائامنىڭ ئىككىنچى قېتىم بېشارەت بېرىشى 
 18 بالائام كالام سۆزىنى ئاغزىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: — 
«ھەي بالاق، سەن قوپۇپ ئاڭلىغىن، 
ئاھ ، زىپپورنىڭ ئوغلى، ماڭا قۇلاق سالغىن. 
 19 تەڭرى ئىنسان ئەمەستۇر، ئۇ يالغان ئېيتمايدۇ، 
ياكى ئادەم بالىسىمۇ ئەمەستۇر، ئۇ پۇشايمان قىلمايدۇ. 
ئۇ دېگەنىكەن، ئىشقا ئاشۇرماي قالامدۇ؟ 
ئۇ سۆز قىلغانىكەن، ۋۇجۇدقا چىقارماي قالامدۇ؟
■  20 مانا، ماڭا «بەرىكەتلە» دەپ تاپشۇرۇلدى، 
ئۇ بەرىكەتلىگەنىكەن، بۇنى مەن ياندۇرالمايمەن. 
 21 ئۇ ياقۇپتا ھېچ گۇناھ كۆرمىگەن، 
ئىسرائىلدا ناھەقلىقنى ئۇچراتمىغان. 
خۇداسى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە، 
پادىشاھنىڭ تەنتەنە ئاۋازى ئۇنىڭ ئارىسىدىدۇر.
□  ■  22 تەڭرى ئۇنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان؛ 
ئۇنىڭدا ياۋا كالىنىڭكىدەك كۈچ باردۇر.
□  ■  23 چۈنكى ياقۇپلارغا ئەپسۇن كارغا كەلمەيدۇ، 
ئىسرائىللارغىمۇ پال كارغا كەلمەيدۇ. 
ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە، 
ياقۇپ بىلەن ئىسرائىل توغرىسىدا: — 
«تەڭرى نەقەدەر كارامەت ئىش قىلىپ بەرگەن-ھە!» 
دەپ جاكارلانماي قالمايدۇ! 
 24 مانا، بۇ قوۋم چىشى شىردەك قوپىدۇ، 
ئەركەك شىردەك قەددىنى رۇسلايدۇ؛ 
ئۆزى ئوۋلىغان ئوۋنى يېمىگۈچە، 
ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ قېنىنى ئىچمىگۈچە، 
ھەرگىز ياتمايدۇ!». 
 25 بالاق بالائامغا: — بولدى، سىلى ئۇلارنى ئازراقمۇ قارغىمىسىلا، ئۇلارغا ئامەتمۇ تىلىمىسىلە! — دېدى. 
 26 بالائام بالاققا جاۋاب قىلىپ: — مەن سىلىگە: — «پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلمىسام بولمايدۇ» دېگەن ئەمەسمىدىم؟ — دېدى. 
   
بالائامنىڭ ئۈچىنچى قېتىم بېشارەت بېرىشى 
 27 بالاق بالائامغا: — كەلسىلە، مەن سىلىنى باشقا بىر يەرگە ئاپىراي، خۇدانىڭ نەزىرىدە سىلى شۇ يەردە تۇرۇپ ئۇلارنى قارغاشلىرى مۇۋاپىق تېپىلارمىكىن؟ — دېدى.  28 شۇنىڭ بىلەن بالاق بالائامنى باشلاپ، چۆل-باياۋانغا قارايدىغان پېئور تېغىنىڭ چوققىسىغا كەلدى. 
 29 بالائام بالاققا: — سىلى بۇ يەردە ماڭا يەتتە قۇربانگاھ سالدۇرۇپ بەرسىلە، يەتتە بۇقا بىلەن يەتتە قوشقارمۇ تەييارلاپ بەرسىلە، — دېدى.  30 بالاق بالائامنىڭ دېگىنىدەك قىلدى، ھەربىر قۇربانگاھقا بىردىن بۇقا بىلەن بىردىن قوچقار سۇندى.