تەۋراتنىڭ كۆپ يەرلىرىدە «قەدەھ» دەل شۇ مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ (مەسىلەن «زەب.» 8:75، «يەش.» 17:51، 22، «يەر.» 15:25دە). ■ يـۇھ. 6:38.
ئىبرانىيلار ئارىسىدا ئادەمنىڭ ئىسمىنى ئىككى قېتىم چاقىرىش ئادەتتە ئىناتايىن چوڭقۇر ھېسسىيات، ئالاھىدە ئامراقلىقنى بىلدۈرىدۇ. ■ 2سام. 20:9.
□14:1 ««ئۆتۈپ كېتىش» ھېيتى ۋە «پېتىر نان ھېيتى»غا ئىككى كۈن قالغانىدى» ــ بۇ ئىككى ھېيتنىڭ تەپسىلاتلىرى ئۈچۈن «مىس.» 12-باب، «لاۋ.» 23-بابنى ۋە «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ. ئىبرانىي تىلىدا «پېساق»، ياكى «پاسخا» ھېيتى دەپ ئاتىلىدۇ.
■14:1 مات. 26:2؛ لۇقا 22:1؛ يـۇھ. 11:55؛ 13:1.
□14:3 «سىمون ماخاۋ» ــ يەنى «ماخاۋ كېسىلى» دېيىلىدىغان سىمون» ــ سىمون بەلكىم ئىلگىرى ماخاۋ كېسىلىگە گىرىتپار بولغانىدى. بىزنىڭچە بۇ ئىش ۋە «يۇھ.» 1:12-11دە خاتىرىلەنگەن ۋەقە بىر ئىشتۇر.
■14:3 مات. 26:6؛ لۇقا 7:37؛ يـۇھ. 11:2؛ 12:3.
□14:5 «بۇ ئەتىرنى ئۈچ يۈز دىناردىن ئارتۇق پۇلغا ساتقىلى بولاتتى» ــ «دىنار» ياكى «دىنارىئۇس» دېگەن رىم ئىمپېرىيەسىدىكى بىرخىل پۇل بىرلىكى بولۇپ، بىر «دىنارىئۇس» تەخمىنەن بىر ئادەمنىڭ بىر كۈنلۈك ھەققى بولاتتى. «مات.» 2:20نى كۆرۈڭ.
■14:7 قان. 15:11.
□14:8 «ئۇنىڭغا ئەتىر-ماي قۇيۇپ قويدى» ــ ياكى «ئۇنىڭغا مەسىھ قىلدى».
■14:10 مات. 26:14؛ لۇقا 22:4.
□14:12 «پېتىر نان ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنى، يەنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىق قوزىسى سويۇلىدىغان كۈنى» ــ «پېتىر نان ھېيتى» يەتتە كۈن بولىدۇ، بىرىنچى كۈنى «ئۆتۈپ كېتىش» ھېيتىمۇ تەڭ بولىدۇ. بۇ كۈنى، يەھۇدىيلار ئۆيلىرىدە قوزا سويۇپ، پېتىر نان بىلەن يەيدۇ. «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقى» ــ بۇنىڭ مۇھىم قىسمى «ئۆتۈپ كېتىش قۇربانلىق قوزىسى» ئىدى («مىس.» 3:12-11، «لاۋ.» 5:23، «چۆل.» 16:28، «قان.» 1:16-7نى كۆرۈڭ).
■14:12 مىس. 12:17؛ مات. 26:17؛ لۇقا 22:7.
□14:13 «شەھەرگە كىرىڭلار» ــ «شەھەر» ــ يېرۇسالېم شەھىرىگە، دېمەك. «ئۇ يەردە كوزىدا سۇ كۆتۈرۈۋالغان بىر ئەر كىشى سىلەرگە ئۇچرايدۇ» ــ قانائاندا (پەلەستىندە) ئەر كىشىلەر بۈگۈنگە قەدەر ئادەتتە سۇ كۆتۈرمەيدۇ.
■14:17 مات. 26:20؛ لۇقا 22:14.
□14:18 «داستىخاندا ئولتۇرۇپ غىزالانغاندا...» ــ گرېك تىلىدا «داستىخاندا يېتىپ غىزالانغاندا...».
■14:18 زەب. 41:9؛ روس. 1:17.
□14:21 «... بىراق ئىنسانئوغلىنىڭ تۇتۇپ بېرىلىشىگە ۋاسىتىچى بولغان ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ ئادەم تۇغۇلمىغان بولسا ئۇنىڭغا ياخسى بولاتتى!» ــ يەھۇدا بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال چىقىپ باش كاھىنلارنىڭ يېنىغا بارغان بولسا كېرەك. «ماركۇس»، «لۇقا»، «يۇھاننا»دىكى ««ئۆتۈپ كېتىش» ھېيتىنىڭ كەچلىك تامىقى» توغرىسىدىكى بايانلارنى كۆرۈڭ.
□14:22 «ئەيسا بىر ناننى قولىغا ئېلىپ تەشەككۈر ئېيتقاندىن كېيىن» ــ ياكى «ئەيسا ناننى قولىغا ئېلىپ (ئۇنى) بەرىكەتلىگەندىن كېيىن،...».
■14:22 مات. 26:26؛ لۇقا 22:19؛ 1كور. 11:23.
□14:24 «بۇ مېنىڭ قېنىم، نۇرغۇن ئادەملەر ئۈچۈن تۆكۈلىدىغان، يېڭى ئەھدىنى تۈزىدىغان قېنىمدۇر» ــ «يېڭى ئەھدە» تەۋرات، «يەر.» 31:31-34، «لۇقا» 20:22نى، «ئىبر.» 20:13نى كۆرۈڭ. بەزى كونا كەچۈرمىلەردە پەقەت «ئەھدە» دېيىلىدۇ.
□14:27 «مەن پادىچىنى ئۇرۇۋېتىمەن، قويلار پاتىپاراق بولۇپ تارقىتىۋېتىلىدۇ» ــ «زەك.» 7:13. مۇشۇ بېشارەتتە سۆزلىگۈچى خۇدانىڭ ئۆزى، ئەلۋەتتە.
■14:27 زەك. 13:7؛ مات. 26:31؛ يـۇھ. 16:32.
■14:28 مات. 26:32؛ 28:10؛ مار. 16:7.
■14:30 مات. 26:34؛ لۇقا 22:34؛ يـۇھ. 13:38.
■14:31 يـۇھ. 13:37.
■14:32 مات. 26:36؛ لۇقا 22:39؛ يـۇھ. 18:1.
□14:33 « ئەيسا ... روھ-قەلبىدە تولىمۇ پەرىشان بولۇشقا باشلىدى» ــ گرېك تىلىدا «ئۇ ... روھتا تولىمۇ پەرىشان بولۇشقا باشلىدى».
■14:34 يـۇھ. 12:27.
□14:35 «ئۇ دەقىقىنىڭ ئۆز بېشىغا چۈشمەي ئۆتۈپ كېتىشى ئۈچۈن ...» ــ گرېك تىلىدا «شۇ سائەتنىڭ ئۆز بېشىغا چۈشمەي ئۆتۈپ كېتىشى ئۈچۈن...».
■14:35 لۇقا 22:41.
□14:36 «ئى ئاببا ئاتا، ساڭا ھەممە ئىش مۇمكىندۇر» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئاببا» دېگەن سۆز ئوغۇلنىڭ ئاتىسىغا بولغان يېقىنچىلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇيغۇرچىدىكى «سۆيۈملۈك ئاتا» دېگەنگە يېقىن كېلىدۇ. بۇ سۆز ھەم مۇھەببەت ھەم چوڭقۇر ھۆرمەتنىمۇ بىلدۈرىدۇ. «بۇ قەدەھنى مەندىن ئۆتكۈزۈۋەتكەيسەن!» ــ «بۇ قەدەھ» ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. تەۋراتنىڭ كۆپ يەرلىرىدە «قەدەھ» دەل شۇ مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ (مەسىلەن «زەب.» 8:75، «يەش.» 17:51، 22، «يەر.» 15:25دە).
■14:36 يـۇھ. 6:38.
■14:37 مات. 26:40؛ لۇقا 22:45.
□14:38 «روھ پىداكار بولسىمۇ، لېكىن كىشىنىڭ ئەتلىرى ئاجىزدۇ» ــ «كىشىنىڭ ئەتلىرى» گرېك تىلىدا «ئەت». ئىنجىلدا «ئەت» ياكى «ئەت-تەن» دائىم دېگۈدەك ئادەمنىڭ ئۆز تېنى تەرىپىدىن ئازدۇرۇلىدىغان، گۇناھكار تەبىئىتىنى كۆرسىتىدۇ. «رىم.»دىكى «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
■14:38 گال. 5:17.
□14:41 «سىلەر تېخىچە ئۇخلاۋاتامسىلەر، تېخىچە دەم ئېلىۋاتامسىلەر؟» ــ ياكى بولمىسا: «ئەمدى ئۇخلاۋېرىسىلەر، دەم ئېلىۋېرىسىلەر!» (دېمەك، كىنايىلىك گەپ) ياكى پەقەت: «ئەمدى ئۇخلاڭلار، دەم ئېلىڭلار!».
■14:43 مات. 26:47؛ لۇقا 22:47؛ يـۇھ. 18:3.
□14:45 «ئۇستاز، ئۇستاز» ــ «ئۇستاز» ئىبرانىي تىلىدا «راببى» دېيىلىدۇ. ئىبرانىيلار ئارىسىدا ئادەمنىڭ ئىسمىنى ئىككى قېتىم چاقىرىش ئادەتتە ئىناتايىن چوڭقۇر ھېسسىيات، ئالاھىدە ئامراقلىقنى بىلدۈرىدۇ.
■14:45 2سام. 20:9.
■14:49 1سام. 24:14-15؛ زەب. 22:6-7؛ 69:9؛ لۇقا 24:25
■14:50 ئايۇپ 19:13؛ زەب. 88:8، 18؛ زەك.13:7
□14:52 «... ئۇچىسىغا كاناپ رەخت يېپىنچاقلىۋالغان بىر يىگىت... لېكىن ئۇ كاناپ رەختتىن بوشىنىپ، يالىڭاچ پېتى ئۇلاردىن قېچىپ كەتتى» ــ بىرنەچچە شەرھچىلەر بۇ «مەلۇم ياش يىگىت»نى ماركۇسنىڭ ئۆزى ئىكەن، دەپ قارايدۇ. بىزمۇ قوشۇلىمىز. ئۇ مۇشۇ يەردە ئۆزىنى «مۇخلىس» دەپ ئاتىمايدۇ. بەلكىم ئۇ مۇشۇ يەردە بارلىق كىشىلەرنىڭ ئەيسادىن ۋاز كېچىپ ئۇنى تاشلىغانلىقىنى تەكىتلىمەكچى بولىدۇ.
□14:53 «باش كاھىنلار، بارلىق ئاقساقاللار بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرىمۇ ئۇ يەرگە ئۇنىڭ يېنىغا يىغىلدى» ــ «ئۇنىڭ يېنىغا» باش كاھىن قايافانىڭ يېنىغا، دېمەك.
■14:53 مات. 26:57؛ لۇقا 22:54؛ يـۇھ. 18:13،24.
□14:55 «ئالىي كېڭەشمە» ــ ئىبرانىي تىلىدا «سانھېدرىن».
■14:55 مات. 26:59؛ روس. 6:13.
□14:58 «ئىنسان قولى بىلەن ياسالغان بۇ ئىبادەتخانىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىنسان قولى بىلەن ياسالمىغان باشقا بىر ئىبادەتخانىنى ئۈچ كۈن ئىچىدە ياساپ چىقىمەن» ــ «يۇھ.» 19:2نى كۆرۈڭ. ئۇلار مەسىھنىڭ سۆزىنى بۇرمىلىغانىدى.
■14:58 مار. 15:29؛ يـۇھ. 2:19.
■14:60 مات. 26:62.
□14:61 «سەن مۇبارەك بولغۇچىنىڭ ئوغلى مەسىھمۇسەن؟» ــ «مۇبارەك بولغۇچى» ــ خۇدا ئۆزىدۇر.
■14:61 يەش. 53:7؛ روس. 8:32.
□14:62 «سىلەر كېيىن ئىنسانئوغلىنىڭ قۇدرەت ئىگىسىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئاسماندىكى بۇلۇتلار بىلەن كېلىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر» ــ تەۋرات، «دان.» 13:7نى كۆرۈڭ.
■14:62 دان. 7:13؛ مات. 16:27؛ 24:30؛ 25:31؛ لۇقا 21:27؛ روس. 1:11؛ 1تېس. 4:16؛ 2تېـس. 1:10؛ ۋەھ. 1:7.
□14:63 «شۇنىڭ بىلەن باش كاھىن تونلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ...» ــ باش كاھىن ئەيسانى «كۇپۇرلۇق قىلدى» دەپ قاراپ، ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا بولغان چۆچۈشى ۋە غەزىپىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن كىيىملىرىنى يىرتقان. ئەيسانىڭ ئۆزىنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى، ئۇنىڭ خۇداغا خاس ھوقۇق ۋە شۆھرەت مەندىدۇر، دېگەنلىكىدۇر. يەنە شۇنى ئېيتىمىزكى، باش كاھىننىڭ تونلىرىنى يىرتىشنىڭ ئۆزى تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ ئىدى («لاۋ.» 6:10، 10:21).
□14:65 «بەزىلىرى ئۇنىڭغا تۈكۈرۈشكە باشلىدى، يەنە ئۇنىڭ كۆزلىرىنى تېڭىپ، مۇشتلاپ: «قېنى، پەيغەمبەرچىلىك قىلىپ بېشارەت بېرە!» ــ «مات.» 68:26دە مۇشۇ كىشىلەرنىڭ: «... «قېنى بېشارەت بېرە، سېنى كىم ئۇردى؟» دېيىشكەنلىكىمۇ خاتىرىلىدۇ. «قاراۋۇللارمۇ ئۇنى شاپىلاق بىلەن كاچاتلىدى» ــ ياكى «قاراۋۇللارمۇ ئۇنى ئارىسىغا ئېلىۋېلىپ كاچاتلىدى».
■14:65 ئايۇپ 16:10؛ يەش. 50:6؛ يـۇھ. 19:3.
■14:66 مات. 26:58،69؛ لۇقا 22:55؛ يـۇھ. 18:16،17.
■14:69 مات. 26:71؛ لۇقا 22:58؛ يـۇھ. 18:25.
□14:70 «بەرھەق، سەن ئۇلارنىڭ بىرىسەن. چۈنكى سەنمۇ گالىلىيەلىك ئىكەنسەنغۇ؟!» ــ ئۇلارنىڭ دېگەنلىرى پېترۇسنىڭ تەلەپپۇزىغا ئاساسەن بولسا كېرەك. «مات.» 72:26-73نى كۆرۈڭ.
□14:72 «...ۋە بۇلارنى ئويلاپ يىغلاپ كەتتى» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «... ۋە كۆڭلى بۇزۇلۇپ يىغلاپ كەتتى».
■14:72 مات. 26:34،75؛ لۇقا 22:61؛ يـۇھ. 13:38؛ 18:27.