□5:2 «...بىرلا ئادەمنى تاپساڭلار، شۇندا مەن بۇ شەھەرنى كەچۈرىمەن! (1-ئايەت)...گەرچە ئۇلار: «پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دەپ قەسەم ئىچكەن بولسىمۇ، ئۇلار يالغاندىن سۆزلەيدۇ، دېدى» ــ كېيىن، يەرەمىيا بىرنەچچە شۇنداق ئادىل، سادىق ئادەملەر (مەسىلەن، بارۇق، ئاھىكام، ئەبەد-مەلەك) بىلەن تونۇشقان. لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندا ئۇ مۇشۇنداقلارنى تاپالمىغان.
■5:3 يەش. 1:5؛ 9:12؛ يەر. 2:30
□5:6 «ئورماندىن چىققان بىر شىر ...، باياۋاندىن چىققان بىر بۆرە ...؛ يىلپىز شەھەرلەرگە قاراپ پايلايدۇ» ــ بۇ ئايەتتىكى يىرتقۇچ ھايۋانلار كۆچمە مەنىدە بولۇپ دۈشمەنلەرنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.
■5:6 يەر. 4:7
□5:7 «مەن ھەممە ھاجەتلىرىدىن چىققان بولساممۇ، لېكىن ئۇلار زىناخورلۇق قىلىپ، پاھىشىلەرنىڭ ئۆيىگە توپ-توپ بولۇپ مېڭىۋاتىدۇ» ــ بۇ ئايەت بەلكىم روھىي جەھەتتىكى ۋاپاسىزلىقنى كۆرسىتىدۇ. خۇدا ئىسرائىلنى «مېنىڭ ئايالىم» دەپ ئاتايدۇ (10:2، 3-بابنى كۆرۈڭ). 8-ئايەت جىسمانىي جەھەتتىكى زىناخورلۇقنىمۇ كۆرسىتىدۇ.
■5:8 ئەز. 22:11
■5:9 يەر. 5:29؛ 9:9
□5:10 «ئۇنىڭ ئۈزۈم چۈنەكلىرىدىن ئۆتۈپ، .... شاخلىرىنى قىرىپ تاشلاڭلار، چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا تەۋە ئەمەستۇر» ــ بۇ ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇنىڭ سېپىللىرىغا يامىشىپ چىقىپ ۋەيرانچىلىق قىلىڭلار، لېكىن ئۇلارنى پۈتۈنلەي نابۇت قىلىۋەتمەڭلار؛ ئىستىھكاملىرىنى ئېلىپ تاشلاڭلار، چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا تەۋە ئەمەستۇر».
■5:10 يەر. 4:27
■5:11 يەر. 3:20
□5:13 «پەيغەمبەرلەر بولسا پەقەت بىر شامالدىن ئىبارەت بولىدۇ، خالاس» ــ ئىبرانىي تىلىدا «روھ» ۋە «شامال» بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. شۇبھىسىزكى، «پەيغەمبەرلەر» ئۆزلىرىنى «بىزگە خۇدانىڭ روھى تولدۇرۇلغان» دەيدۇ، لېكىن خۇدا ئۇلارنى پەقەت «شامالغا تولدۇرۇلغان» دەيدۇ.
■5:14 يەر. 1:9-10
■5:15 قان. 28:49؛ يەر. 1:15؛ 6:22
■5:17 لاۋ. 26:16؛ قان. 28:31،33
■5:18 يەر. 4:27
□5:19 «يات بولغانلارنىڭ قۇللۇقىدا بولىسىلەر» ــ «يات بولغانلار» بەلكىم ئىككى بىسلىق سۆزلەر بولۈپ، ھەم «يات بۇتلار» ھەم «يات ئادەملەر»نىمۇ كۆرسىتىدۇ.
■5:19 يەر. 16:10
■5:21 يەش. 6:9
■5:22 ئايۇپ 38:10، 11؛ زەب. 33:7-8؛ 104:9
□5:24 «ئاۋۋالقى يامغۇر»...«كېيىنكى يامغۇر»... ــ «ئاۋۋالقى يامغۇر» ئادەتتە 11-ئايدا يېغىپ، تۇپراقنى يۇمشىتىدۇ، يەرنى ھەيدەپ ئۇرۇق سېلىشقا تەييارلىنىدۇ. «كېيىنكى يامغۇر» بولسا پەلەستىندە 3- ياكى 4-ئايدا ياغىدۇ، ئەتىيازلىق زىرائەتلەرنى پىشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. بۇ يامغۇرلار بولمىسا ھېچ ھوسۇل بولمايدۇ. «بىزگە ھوسۇل پەسلىنى بېكىتىپ ئامان-ئېسەن ساقلىغۇچى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «بىزگە ھوسۇل پەسلىدىكى ھەپتىلەرنى ساقلىغۇچى...».
■5:24 قان. 11:14
□5:28 «ئۇلار ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەپ خەقلەرنىڭ دەۋاسىنى، يېتىم-يېسىرلەرنىڭ دەۋاسىنى سورىمايدۇ...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى بولسا: «ئۇلار خەقلەرنىڭ دەۋاسىنى، ھەتتا يېتىم-يېسىرلەرنىڭ دەۋاسىنى سورىغىنى بىلەن ھەرگىز ئۇنى ئادىل سورىمايدۇ».
■5:28 قان. 32:15؛ يەش. 1:23؛ زەك. 7:10
□5:29 «جازالىماي قويامدىم» ــ ئىبرانىي تىلىدا «يوقلىمامدىم؟!».
■5:29 يەر. 5:9؛ 9:9
□5:31 «كاھىنلار بولسا ئۆز ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «كاھىنلارمۇ ئۇلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن (دېمەك، پەيغەمبەرلەرنىڭ يالغان بېشارەتلىرىدىن پايدىلىنىپ) ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا». لېكىن «يەرەمىيا» دېگەن كىتابتا بۇنداق ئىشلار يەنە تىلغا ئېلىنمايدۇ، شۇڭا تەرجىمىمىز بەلكىم توغرىدۇر.
■5:31 يەر. 14:18؛ 23:25، 26؛ ئەز. 13:6