■14:1 ھوش. 12:7
□14:2 «...«بۇقا قۇربانلىقلار»نى تۇتىمىز ــ «بۇقا قۇربانلىقلار» خۇداغا ئاتاپ بېغىشلىنىدىغان «كۆيدۈرمە قۇربانلىق»لار ئىچىدە ئەڭ قىممەتلىك قۇربانلىق ئىدى. مۇشۇ يەردە كۆچمە مەنىدە ئىشلەتكەن، ئەلۋەتتە. ئۇ «لەۋلىرىمىزدىكى مول ئىبادەت-مەدھىيە»نى كۆرسىتىدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «لەۋلىرىمىزدىكى مېۋىنى تۇتىمىز».
□14:3 «چۈنكى سەندىنلا يېتىم-يېسىرلار رەھىم-شەپقەت تاپىدۇ»» ــ بۇ سۆز ھوشىيانىڭ بالىلىرىنىڭ ئۆز دادىسى بىلەن بولغان كەچۈرمىشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولىدۇ.
□14:7 «لىۋاننىڭ شارابلىرى ئاغزىدا قالغاندەك، ئېسىدە شېرىن قالىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئۇنىڭ ئەسلەتمىسى لىۋاندىكى شارابنىڭكىدەك بولىدۇ».
□14:8 «ئەفرائىم: «مېنىڭ بۇتلار بىلەن يەنە نېمە كارىم!» ــ دەيدىغان بولىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ (خۇدا ئەفرائىمغا) «ئى ئەفرائىم، مېنىڭ بۇتلار بىلەن نېمە ئالاقەم بولسۇن!» ــ دەيدۇ».