22
تۆلەم تۆلەش ھەققىدىكى نىزام
ئەگەر بىرسى بىر كالا ياكى قوينى ئوغرىلاپ، ئۇنى سويسا يا سېتىۋەتسە، ئۇ بىر كالىنىڭ ئورنىغا بەش كالا، بىر قوينىڭ ئورنىغا تۆت قوي تۆلىسۇن. «... ئۇ بىر كالىنىڭ ئورنىغا بەش كالا، بىر قوينىڭ ئورنىغا تۆت قوي تۆلىسۇن» ــ نېمىشقا كالىنى بەش ھەسسە، قوينى تۆت ھەسسىلەپ تولۇقلاش كېرەك؟ كالا-قوي ھەر ئىككىسى گۆش، يۇڭ-تېرە ۋە سۈت بېرەلەيدۇ، كالا يەنە ئەمگەك قىلالايدۇ؛ شۇڭا كالىنىڭ كەملىكى كۆپرەك زىياننى كەلتۈرىدۇ.   2سام. 12‏:6
ئوغرى تام تەشكەندە تۇتۇلۇپ قېلىپ، تاياق يەپ ئۆلۈپ قالسا، ئۆلتۈرگۈچىگە خۇن جازاسى كەلمىسۇن. لېكىن شۇ ۋەقە بولغان پەيتتە كۈن چىقىپ قالغان بولسا، ئۇنداقتا ئۆلتۈرگۈچى خۇن جازاسىغا تارتىلسۇن.
ئوغرى ئوغرىلىغىنىنى تۆلەپ زىياننى تولۇقلاپ بېرىشى كېرەك؛ ئۇنىڭدا بىر نېمە بولمىسا، قۇللۇققا سېتىلىپ، ئوغرىلىغان نەرسىنى تۆلىشى كېرەك.
ئوغرى تۇتۇلغاندا ئوغرىلىغان نەرسە، كالا بولسۇن، ئېشەك بولسۇن، قوي بولسۇن ئۇنىڭ قولىدا تىرىك ھالەتتە تېپىلسا، ئۇ ئىككى ھەسسە قىممەتتە تۆلەپ بەرسۇن. «ئوغرى تۇتۇلغاندا ئوغرىلىغان نەرسە، ... ئۇنىڭ قولىدا تىرىك ھالەتتە تېپىلسا، ئۇ ئىككى ھەسسە قىممەتتە تۆلەپ بەرسۇن» ــ نېمىشقا بۇ ئايەتتە كۆرسىتىلگەن جازا 1-ئايەتتىكى جازىغا ئوخشىمايدۇ؟ بەزى ئالىملارنىڭ پىكرىچە: (ئا) ئوغرىلانغان مال تېخى ئوغرىنىڭ قولىدا بولغاچقا، ئىگىسىنىڭ زىيىنى 1-ئايەتتىكىدىن ئاز بولۇشى مۇمكىن؛ (ئە) بۇ ئوغرى تېخى 1-ئايەتتىكى ئوغرىدەك يامانلىقنى ئۆگەنگەن ئەمەس؛ (پ) 4-ئايەتتىكى ئوغرىنىڭ كالا-قوينى ئوغرىلاش گۇناھىنى ئۆزلۈكىدىن ئىقرار قىلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. بىز بۇ ئۈچ پىكرىگە قايىلمىز.
ئەگەر بىرسى ئۆز مال-چارۋىلىرىنى ئېتىزلىققا ياكى ئۈزۈمزارلىققا ئوتلاشقا قويۇۋېتىپ، باشقىلارنىڭ باغ-ئېتىزلىقىدا ئوتلاشقا يول قويسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ ئېسىل مەھسۇلاتلىرىدىن ياكى ئۈزۈمزارلىقىنىڭ ئەڭ ئېسىل مېۋىسىدىن زىياننى تۆلەپ بەرسۇن.
ئەگەر ئوت كېتىپ، تىكەنلىككە تۇتىشىپ كېتىپ، ئاندىن ئۆنچىلەرنى، باش تارتىپ پىشقان زىرائەتنى كۆيدۈرۈپ، پۈتكۈل ئېتىزلىقنى كۈل قىلىۋەتسە، ئۇنداقتا ئوت قويغۇچى بارلىق زىياننى تۆلەپ بەرسۇن. «تىكەنلىك» ــ ئېتىزلار ئارىسىدىكى چىتلار ياكى قاشالار ئادەتتە تىكەنلەردىن قىلىنىدۇ.
ئەگەر بىرسى قوشنىسىغا پۇل ياكى مال-دۇنياسىنى ئامانەت قىلغان بولسا، بۇلار ئۆيىدىن ئوغرىلىنىپ كەتسە، شۇنداقلا ئوغرى كېيىن تۇتۇلسا، ئۇ ئوغرىلىغىنىنى ئىككى ھەسسە قىممەتتە تۆلەپ بەرسۇن. لېكىن ئوغرى تېپىلمىسا، ئۆي ئىگىسىنىڭ قوشنىسىنىڭ مېلىغا قول تەگكۈزگەن يا تەگكۈزمىگەنلىكى مەلۇم بولسۇن دەپ، ھاكىملارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلسۇن. ھەرخىل خىيانەت، ئۇ مەيلى كالا، ئېشەك، قوي، كىيىم-كېچەك بولسۇن، يىتتۈرۈپ قويغان نەرسە بولسۇن، ئۇلار توغرۇلۇق بىر قوشنىسى: «ئەمەلىيەتتە مۇنداق ئىدى» دەپ تالاشقان بولسا، ھەر ئىككىسىنىڭ دەۋاسى ھاكىملارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلسۇن؛ ھاكىملار قايسىغا گۇناھ بېكىتسە، شۇ قوشنىسىغا ئىككى ھەسسە قىممەتتە تۆلەپ بەرسۇن. «ھاكىملارنىڭ ئالدىغا...» ــ ياكى «خۇدانىڭ ئالدىغا...». «ھاكىملار قايسىغا...» ــ ياكى «خۇدا قايسىغا...».
10 ئەگەر بىرسى قوشنىسىغا ئېشەك، كالا، قوي ياكى باشقا بىر چارپاينى ئامانەت قىلسا، بۇ ئامانەت مېلى كىشى كۆرمەي ئۆلۈپ كەتسە، ياكى زەخىملەنسە، ياكى ھەيدەپ ئەكىتىلسە، «ھەيدەپ ئەكىتىلسە» ــ ئىبرانىي تىلىدا بۇ سۆز ئادەتتە «بۇلىنىش» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ؛ لېكىن مۇشۇ يەردە بەلكىم تاسادىپىي بىر ئىشنى، مەسىلەن چۆچۈپ كېتىپ، چېچىلىپ كېتىشىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن؛ ئوغرىلىنىش مەسىلىسى 12-ئايەتتە كۆرسىتىلىدۇ. 11 ئۇنداقتا قوشنىسىنىڭ مېلىغا قول تەگكۈزگەن يا تەگكۈزمىگەنلىكى مەلۇم بولسۇن دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر قەسەم ئىچۈرۈلسۇن. مال ئىگىسى بۇ قەسەمنى قوبۇل قىلسۇن؛ قوشنىسى ئۇنىڭغا تۆلەم تۆلەپ بەرمىسۇن. «پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر قەسەم ئىچۈرۈلسۇن» ــ بۇ قەسەمنى بەلكىم، ئىگىسى: «مەن ھەقىقەتەن شۇ نەرسىنى پالانچى كىشىگە تاپشۇرۇپ ئامانەت قىلدىم» دېگەندەك، ئامانەتنى قوبۇل قىلغۇچى كىشى: «مەن شۇ ئامانەتنى ھەقىقەتەن يىتتۈرۈپ قويدۇم، ئۇنى ئوغرىلىمىدىم، باشقىلارغا ساتمىدىم» دېگەندەك قىلىشى مۇمكىن. 12 لېكىن مال ئوغرىلانغان بولسا، ئۇ ئىگىسىگە تۆلەپ بەرسۇن. 13 ئەگەر ئۇنى ۋەھشىي ھايۋان بوغۇپ قويغان بولسا، ئۇ مالنىڭ قالدۇقىنى گۇۋاھلىق ئۈچۈن كۆرسىتىپ، ئۇنى تۆلەپ بەرمىسىمۇ بولىدۇ.
14 ئەگەر بىرسى قوشنىسىدىن بىر ئۇلاغنى ئۆتنە ئېلىپ، ئۇلاغ ئىگىسى يوق يەردە زەخىملەنسە ياكى ئۆلۈپ قالسا، ئۆتنە ئالغۇچى تولۇق تۆلەپ بەرسۇن. 15 لېكىن ئىگىسى نەق مەيداندا بولسا، ئۆتنە ئالغۇچى تۆلەپ بەرمىسۇن؛ ئۇلاغ ئىجارىگە ئېلىنغان بولسا، ئالغۇچى تۆلەم تۆلىمىسۇن؛ چۈنكى ئۇنى ئىجارە تۆلەپ ئەكەلگەن.
 
ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت
16 ئەگەر بىر ئادەم تېخى ياتلىق بولمىغان بىر قىزنى ئازدۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۇنىڭ تويلۇقىنى بېرىشى كېرەك، ئاندىن ئۇنى خوتۇنلۇققا ئالسۇن. 17 لېكىن قىزنىڭ ئاتىسى ئۇنى ئۇنىڭغا بەرگىلى ئۇنىمىسا، زىنا قىلغۇچى پاك قىزلارنىڭ تويلۇقىغا باراۋەر كېلىدىغان كۈمۈش پۇلنى تارازىدا ئۆلچەپ بەرسۇن.
18 جادۇگەر خوتۇننى تىرىك قويمىغىن. قان. 18‏:11،10
19 ھايۋان بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن ھەربىرى جەزمەن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن. لاۋ. 18‏:23؛ 20‏:15
20 كىمدەكىم بىردىنبىر پەرۋەردىگاردىن باشقا ھەرقانداق ئىلاھغا قۇربانلىق سۇنسا، ھارام دەپ مۇتلەق ھالاكەتكە مەھكۇم قىلىنسۇن. «مۇتلەق ھالاكەتكە مەھكۇم قىلىنسۇن» ــ ئىبرانىي تىلىدا ««ھارام» قىلىنسۇن»؛ «ھارام» ــ «مۇتلەق ھالاك قىلىنىش كېرەك» دېگەننى بىلدۈرىدۇ.   قان. 17‏:2، 3، 4، 5
21 سىلەرمۇ مىسىردا مۇساپىر بولۇپ تۇرغانىكەنسىلەر، مۇساپىر بولغان كىشىنى ھېچ خارلىماڭلار ۋە ياكى ئۇنىڭغا ھېچ زۇلۇم قىلماڭلار. لاۋ. 19‏:34
22 ھەرقانداق تۇل خوتۇن ياكى يېتىم بالىنى خورلىماڭلار. زەك. 7‏:10 23 سەن ئۇلارنى ھەرقانداق تەرەپتە خورلىساڭ، ئۇلار ماڭا پەرياد كۆتۈرسە، مەن ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى چوقۇم ئاڭلايمەن؛ 24 شۇنىڭ بىلەن غەزىپىم تۇتىشىپ، سىلەرنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرىمەن، سىلەرنىڭ خوتۇنلىرىڭلار تۇل قىلىنىپ، بالىلىرىڭلار يېتىم بولۇپ قالىدۇ.
25 ئەگەر سەن مېنىڭ خەلقىمنىڭ ئىچىدىن ساڭا قوشنا بولغان كەمبەغەلگە قەرز بەرگەن بولساڭ، ئۇنىڭغا جازانىخورلاردەك مۇئامىلە قىلمىغىن؛ ئۇنىڭدىن ئۆسۈم ئالماڭلار. لاۋ. 25‏:37،36؛ قان. 23‏:19،18؛ زەب. 15‏:5؛ پەند. 28‏:8؛ ئ‍ەز. 18‏:8
26 ئەگەر سەن قوشناڭنىڭ چاپىنىنى گۆرۈگە ئالغان بولساڭ، كۈن ئولتۇرماستا ئۇنىڭغا ياندۇرۇپ بەر. قان. 24‏:13،12 27 چۈنكى چاپىنى ئۇنىڭ بىردىنبىر يېپىنچىسى بولۇپ، بەدىنىنى ياپىدىغان كىيىم شۇدۇر. ئۇ بولمىسا، ئۇ نېمىنى يېپىنىپ ياتىدۇ؟ بۇ سەۋەبتىن ماڭا پەرياد قىلسا، پەريادىنى ئاڭلايمەن؛ چۈنكى مەن شەپقەتلىكتۇرمەن.
28 خۇداغا كۇپۇرلۇق قىلما، ۋە خەلقىڭنىڭ ئەمىرلىرىنىمۇ قارغاپ تىللىما. «خۇدا(غا)» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەلوھىم»(غا). بۇ سۆز بەزىدە خۇدانىڭ ۋەكىللىرى بولغان «ھاكىملار»نى بىلدۈرىدۇ («زەب.» 82-كۈي ۋە ئىزاھاتلىرىنى كۆرۈڭ). شۇڭا بەزى تەرجىمىلەردە «ھاكىملار» دېيىلىدۇ.   مىس. 21‏:6، 8؛ روس. 23‏:3، 4، 5
29 خامىنىڭنىڭ ھوسۇلىنىڭ ئاشقىنىدىن ۋە شاراب-زەيتۇن مېيى كۆلچىكىڭدىن تاشقىنىدىن ماڭا ھەدىيە سۇنۇشنى ھايال قىلمىغىن.
سەن ئوغۇللىرىڭنىڭ تۇنجىسىنى ماڭا ئاتىغىن. «خامىنىڭنىڭ ھوسۇلى ...دىن تاشقىنىدىن ماڭا ھەدىيە سۇنۇشنى ھايال قىلمىغىن» ــ بۇ ئايەتتە كۆزدە تۇتۇلغىنى (باشقا يەرلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇلغاندا) تۇنجى ھوسۇلنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن بۇ ئايەتنىڭ ئۆزىدە ئۇنداق بىۋاسىتە ئېيتىلمايدۇ. ئايەتنىڭ ئىككىنچى قىسمى «تۇنجى ئوغۇللارنىڭ خۇداغا ئاتىلىشى» توغرۇلۇق ھەم 30-ئايەت «چارپاينىڭ تۇنجىلىرى» توغرۇلۇق بولغاچقا، 29-ئايەتنىڭ بىرىنچى قىسمى بەلكىم «تۇنجى ھوسۇل» توغرۇلۇق بولۇشى مۇمكىن.   مىس. 13‏:12،2
30 كالا بىلەن قويلىرىڭنىڭ تۇنجى بالىلىرىنىمۇ ھەم شۇنداق ئاتىغىن؛ تۇنجى بالا يەتتە كۈنگىچە ئانىسى بىلەن بىللە تۇرسۇن؛ ئەمما سەككىزىنچى كۈنى ئۇنى ماڭا ئاتاپ سۇنغىن. مىس. 23‏:19؛ لاۋ. 22‏:27؛ ئ‍ەز. 44‏:30
31 سىلەر ماڭا ئاتالغان مۇقەددەس كىشىلەر بولىسىلەر؛ شۇڭا دالادا يىرتقۇچ ھايۋان تەرىپىدىن بوغۇلغان ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېمەڭلار، بەلكى ئۇنى ئىتلارغا تاشلاپ بېرىڭلار. لاۋ. 22‏:8؛ ئ‍ەز. 44‏:31
 
 

22:1 «... ئۇ بىر كالىنىڭ ئورنىغا بەش كالا، بىر قوينىڭ ئورنىغا تۆت قوي تۆلىسۇن» ــ نېمىشقا كالىنى بەش ھەسسە، قوينى تۆت ھەسسىلەپ تولۇقلاش كېرەك؟ كالا-قوي ھەر ئىككىسى گۆش، يۇڭ-تېرە ۋە سۈت بېرەلەيدۇ، كالا يەنە ئەمگەك قىلالايدۇ؛ شۇڭا كالىنىڭ كەملىكى كۆپرەك زىياننى كەلتۈرىدۇ.

22:1 2سام. 12‏:6

22:4 «ئوغرى تۇتۇلغاندا ئوغرىلىغان نەرسە، ... ئۇنىڭ قولىدا تىرىك ھالەتتە تېپىلسا، ئۇ ئىككى ھەسسە قىممەتتە تۆلەپ بەرسۇن» ــ نېمىشقا بۇ ئايەتتە كۆرسىتىلگەن جازا 1-ئايەتتىكى جازىغا ئوخشىمايدۇ؟ بەزى ئالىملارنىڭ پىكرىچە: (ئا) ئوغرىلانغان مال تېخى ئوغرىنىڭ قولىدا بولغاچقا، ئىگىسىنىڭ زىيىنى 1-ئايەتتىكىدىن ئاز بولۇشى مۇمكىن؛ (ئە) بۇ ئوغرى تېخى 1-ئايەتتىكى ئوغرىدەك يامانلىقنى ئۆگەنگەن ئەمەس؛ (پ) 4-ئايەتتىكى ئوغرىنىڭ كالا-قوينى ئوغرىلاش گۇناھىنى ئۆزلۈكىدىن ئىقرار قىلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. بىز بۇ ئۈچ پىكرىگە قايىلمىز.

22:6 «تىكەنلىك» ــ ئېتىزلار ئارىسىدىكى چىتلار ياكى قاشالار ئادەتتە تىكەنلەردىن قىلىنىدۇ.

22:9 «ھاكىملارنىڭ ئالدىغا...» ــ ياكى «خۇدانىڭ ئالدىغا...». «ھاكىملار قايسىغا...» ــ ياكى «خۇدا قايسىغا...».

22:10 «ھەيدەپ ئەكىتىلسە» ــ ئىبرانىي تىلىدا بۇ سۆز ئادەتتە «بۇلىنىش» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ؛ لېكىن مۇشۇ يەردە بەلكىم تاسادىپىي بىر ئىشنى، مەسىلەن چۆچۈپ كېتىپ، چېچىلىپ كېتىشىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن؛ ئوغرىلىنىش مەسىلىسى 12-ئايەتتە كۆرسىتىلىدۇ.

22:11 «پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر قەسەم ئىچۈرۈلسۇن» ــ بۇ قەسەمنى بەلكىم، ئىگىسى: «مەن ھەقىقەتەن شۇ نەرسىنى پالانچى كىشىگە تاپشۇرۇپ ئامانەت قىلدىم» دېگەندەك، ئامانەتنى قوبۇل قىلغۇچى كىشى: «مەن شۇ ئامانەتنى ھەقىقەتەن يىتتۈرۈپ قويدۇم، ئۇنى ئوغرىلىمىدىم، باشقىلارغا ساتمىدىم» دېگەندەك قىلىشى مۇمكىن.

22:18 قان. 18‏:11،10

22:19 لاۋ. 18‏:23؛ 20‏:15

22:20 «مۇتلەق ھالاكەتكە مەھكۇم قىلىنسۇن» ــ ئىبرانىي تىلىدا ««ھارام» قىلىنسۇن»؛ «ھارام» ــ «مۇتلەق ھالاك قىلىنىش كېرەك» دېگەننى بىلدۈرىدۇ.

22:20 قان. 17‏:2، 3، 4، 5

22:21 لاۋ. 19‏:34

22:22 زەك. 7‏:10

22:25 لاۋ. 25‏:37،36؛ قان. 23‏:19،18؛ زەب. 15‏:5؛ پەند. 28‏:8؛ ئ‍ەز. 18‏:8

22:26 قان. 24‏:13،12

22:28 «خۇدا(غا)» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەلوھىم»(غا). بۇ سۆز بەزىدە خۇدانىڭ ۋەكىللىرى بولغان «ھاكىملار»نى بىلدۈرىدۇ («زەب.» 82-كۈي ۋە ئىزاھاتلىرىنى كۆرۈڭ). شۇڭا بەزى تەرجىمىلەردە «ھاكىملار» دېيىلىدۇ.

22:28 مىس. 21‏:6، 8؛ روس. 23‏:3، 4، 5

22:29 «خامىنىڭنىڭ ھوسۇلى ...دىن تاشقىنىدىن ماڭا ھەدىيە سۇنۇشنى ھايال قىلمىغىن» ــ بۇ ئايەتتە كۆزدە تۇتۇلغىنى (باشقا يەرلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇلغاندا) تۇنجى ھوسۇلنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن بۇ ئايەتنىڭ ئۆزىدە ئۇنداق بىۋاسىتە ئېيتىلمايدۇ. ئايەتنىڭ ئىككىنچى قىسمى «تۇنجى ئوغۇللارنىڭ خۇداغا ئاتىلىشى» توغرۇلۇق ھەم 30-ئايەت «چارپاينىڭ تۇنجىلىرى» توغرۇلۇق بولغاچقا، 29-ئايەتنىڭ بىرىنچى قىسمى بەلكىم «تۇنجى ھوسۇل» توغرۇلۇق بولۇشى مۇمكىن.

22:29 مىس. 13‏:12،2

22:30 مىس. 23‏:19؛ لاۋ. 22‏:27؛ ئ‍ەز. 44‏:30

22:31 لاۋ. 22‏:8؛ ئ‍ەز. 44‏:31